ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى
يوللىغان ۋاقىت:2012-7-9 1:31:37  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:4200    بېسىپ چىقىرىش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

 

2002 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2002 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 80 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.
مۇندەرىجە
1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2 - باب قۇرۇش
3 - باب مەكتەپ تەشكىلاتى ۋە پائالىيىتى
4 - باب ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيىلەنگۈچى
5 - باب مەكتەپ مۈلكى ۋە مالىيىسىنى باشقۇرۇش
6 - باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش
7 - باب يۆلەش ۋە مۇكاپاتلاش
8 - باب ئۆزگەرتىش ۋە تاقاش
9 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
10 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددابۇ قانۇن دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش، پۇقرا مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرا مەكتەپلىرى ۋە تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 - مادداائىي تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دۆلەت مالىيە خەمئىيەتتە مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتى قۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقلىنىدۇ. بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرى مائارىپ قانۇنى ۋە مائارىپقا دائىر باشقا قانۇنلار بويىچە بولىدۇ.
3 - مادداپۇقرا مائارىپ ئىشلىرى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى.
دۆلەت پۇقرا مائارىپىدا پائال ئىلھام بېرىش، زور كۈچ بىلەن قوللاش، توغرا يېتەكلەش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرا مائارىپ ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
4 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى قانۇن، نىزامغا رىئايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىشى لازىم.
پۇقرا مەكتەپلىرى مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
5 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى قانۇندا ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە، دۆلەت پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
دۆلەت پۇقرا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
6 - ماددادۆلەت پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپ قۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
دۆلەت پۇقرا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە تەقدىرلەيدۇ.
7 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇقرا مائارىپى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش ۋە ماكرولۇق باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پۇقرا مائارىپىغا ئائىت خىزمەتلەرگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
8 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ پۇقرا مائارىپى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى پۇقرا مائارىپىغا ئائىت خىزمەتلەرگە ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

2 - باب قۇرۇش

9 - مادداپۇقرا مەكتىپى قۇرغۇچى ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولۇشى كېرەك.
پۇقرا مەكتىپى قۇرغۇچى شەخسنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.
پۇقرا مەكتىپى قانۇنىي ئىگىلىك شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك.
10 - مادداپۇقرا مەكتىپى قۇرۇشتا، شۇ جاينىڭ مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، مائارىپ قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك.
پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشتا شۇ دەرىجىلىك، شۇ خىلدىكى ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ قۇرۇش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىدۇ.
11 - ماددائوقۇش تارىخى مائارىپى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مائارىپى ۋە باشقا مەدەنىيەت، مائارىپنى يولغا قويىدىغان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلايدۇ؛ كەسپىي ماھارەت ئاساس قىلىنغان كەسپىي سالاھىيەت، كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن يېتىشتۈرىدىغان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلايدۇ ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
12 - مادداپۇقرا مەكتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) قۇرۇش دوكلاتى، ئۇ ئاساسلىقى: قۇرغۇچى، تەربىيىلەش نىشانى، مەكتەپ كۆلىمى، قاتلىمى، شەكلى، شارائىتى، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، خىراجەت غەملەش ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
(2)قۇرغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئولتۇرۇشلۇق جايى ياكى نامى، ئادرېسى؛
(3)مۈلۈك مەنبەسى، مەبلەغ سوممىسى، شۇنىڭدەك كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججىتى، ئۇنىڭدا مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق يېزىلغان بولۇش؛
(4) ئىئانە - ھەدىيە خاراكتېرلىك مەكتەپ مۈلكى بولسا، ئىئانە - ھەدىيە كېلىشىمىنى تاپشۇرۇش، ئۇنىڭدا ئىئانە - ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئىئانە قىلىنغان مۈلۈكنىڭ سانى، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى، شۇنىڭدەك كۈچكە ئىگە ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلىرى ئېنىق يېزىلغان بولۇشى شەرت.
13 - مادداتەستىقلىغۇچى ئورگان پۇقرا مەكتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قوشۇلۇش - قوشۇلماسلىق ھەققىدە يازما قارار چىقىرىشى كېرەك.
قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە قوشۇلغانلىرىغا تەستىقنامە بېرىشى، قوشۇلمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
قۇرۇش تەييارلىق مۇددىتىنى ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۈچ يىلدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
14 - مادداپۇقرا مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) تەييارلىق تەستىقنامىسى؛
(2) تەييارلىق ئەھۋالى دوكلاتى؛
(3) مەكتەپ نىزامنامىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا تەدبىر ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى؛
(4) مەكتەپ مۈلكىگە ئائىت كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججىتى؛
(5) مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى، مالىيە خادىملىرىنىڭ سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى.
15 - ماددامەكتەپ قۇرۇش شارائىتى ھازىرلاپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزگەنلەر مەكتەپنى رەسمىي قۇرۇشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە بۇ قانۇننىڭ 12 - ماددىسىدا ۋە 14 - ماددىسىنىڭ )3(، )4(، )5( تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
16 - مادداپۇقرا مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە تەستىقلاش - تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا يازما قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈشى كېرەك؛ پۇقرا ئالىي مەكتىپىنى رەسمىي قۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە تەستىقلاش - تەستىقلىماسلىق ھەققىدە يازما قارار چىقارسا ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزسىمۇ بولىدۇ.
17 - مادداتەستىقلىغۇچى ئورگان رەسمىي قۇرۇش تەستىقلانغان پۇقرا مەكتىپىگە مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ.
تەستىقلىغۇچى ئورگان رەسمىي قۇرۇشنى تەستىقلىمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
18 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى ئالغان ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن تىزىملاتماقچى بولغان بولسا، تىزىملىغۇچى ئورگان ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

3 - بابمەكتەپ تەشكىلاتى ۋە  پائالىيىتى

19 - مادداپۇقرا مەكتىپىدە مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى تەدبىر ئاپپاراتى قۇرۇش كېرەك.
20 - ماددامەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى قۇرغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى، مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىلى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. كېڭەش ئەزالىرى ياكى مۇدىرلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بەش يىلدىن ئارتۇق ئوقۇ - ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى لازىم.
مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى بەشتىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، كېڭەش باشلىقى ياكى باش مۇدىرلىققا بىر ئادەم قويۇلىدۇ. كېڭەش باشلىقى، كېڭەش ئەزالىرى ياكى باش مۇدىر، مۇدىرلارنىڭ ئىسىملىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
21 - ماددامەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) مەكتەپ مۇدىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش؛
(2) مەكتەپ نىزامنامىسىنى تۈزىتىش ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۈزۈش؛
(3) تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈش، يىللىق خىزمەت پىلانىنى تەستىقلاش؛
(4) مەكتەپ خىراجىتىنى غەملەش، خام چوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش؛
(5) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ شتاتى ۋە مائاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش؛
(6) مەكتەپنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش، تاقاشنى قارار قىلىش؛
(7) باشقا چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش.
باشقا شەكىلدىكى تەدبىر ئاپپاراتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى بۇ ماددىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ يۈرگۈزىدۇ.
22 - مادداپۇقرا مەكتىپىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللىكىنى كېڭەش باشلىقى، باش مۇدىر ياكى مەكتەپ مۇدىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.
23 - مادداپۇقرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى شۇ دەرىجىلىك شۇ خىل ھۆكۈمەت مەكتىپى مۇدىرىنى تەيىنلەش شەرتىدىن پايدىلىنىپ تەكلىپ قىلىپ تەيىنلىنىدۇ، ياش چەكلىمىسى مۇۋاپىق قويۇۋېتىلسە بولىدۇ ھەمدە ئۇ تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىلىدۇ.
24 - مادداپۇقرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:
(1) مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى تەدبىر ئاپپاراتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش؛
(2) تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش، يىللىق خىزمەت پىلانى، مالىيە خام چوتى ۋە مەكتەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۈزۈش؛
(3) مەكتەپ خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش، بوشىتىش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش؛
(4)ئوقۇ - ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىگە تەشكىللەش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛
(5) مەكتەپنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛
(6)مەكتەپ كېڭىشى، مۇدىرىيىتى ياكى باشقا شەكىلدىكى تەدبىر ئاپپاراتى بەرگەن باشقا ھوقۇقلار.
25 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا تۈرى، ئوقۇش يىل چېكى، ئوقۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى ياكى تەربىيىلەش لاياقەتنامىسى بەرسە بولىدۇ.
كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ھۆكۈمەت تەستىقلىغان كەسپىي ماھارەتنى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتەلىگەنلىرىگە دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىلسە بولىدۇ.
26 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلار ئاساس قىلىنغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاتارلىق شەكىللەرنى قانۇن بويىچە قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
پۇقرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقا خىزمەتچىلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنىغا بىنائەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق.

4 - باب ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيىلەنگۈچى

27 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەربىيىلەنگۈچىسى قانۇندا ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەربىيىلەنگۈچىسى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە.
28 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى تەكلىپ قىلىپ تەيىنلىگەن ئوقۇتقۇچىلاردا دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بولۇشى كېرەك.
29 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىدىيە، ئەخلاق ۋە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيىلىشى كېرەك.
30 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.
31 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كەسىپ جەھەتتە تەربىيىلەش، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىپ تەيىنلەش، ئوقۇتۇش تارىخى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىنى ھېسابلاش، مۇكاپاتلاش - تەقدىرلەش، ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن قانۇن بويىچە ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.
32 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.
پۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنى تەقدىرلەيدۇ ياكى ئۇلارغا چارە كۆرىدۇ.
33 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەنگۈچىلەر يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش، ئىلغار سايلاش قاتارلىق جەھەتلەردە شۇ دەرىجىلىك شۇ خىل ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەنگۈچىلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.

5 - باب مەكتەپ مۈلكى ۋە مالىيىسىنى باشقۇرۇش

34 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى قانۇن بويىچە مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشى كېرەك.
35 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى قۇرغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە سالغان مۈلكى، دۆلەت مۈلكى، قوبۇل قىلغان ھەدىيە مال - مۈلۈك ۋە مەكتەپ جۇغلانمىسىدا قانۇنىي ئىگىنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
36 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى ئوچۇق مەزگىلدە، بارلىق مۈلكىنى ئۆزى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرا مائارىپى ئاپپاراتىدىن قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
37 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى ئوقۇش تارىخى بويىچە تەربىيىلەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئۆزى بېكىتىپ ئالاقىدار تارماقلارغا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ باشقا تەربىيىلەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئۆزى بېكىتىپ ئالاقىدار تارماققا ئەنگە ئالدۇرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.
پۇقرا مەكتەپلىرى ئالغان ھەقنى ئاساسلىقى ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشى كېرەك.
38 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ مۈلكىنى ئىشلىتىش ۋە مالىيىسىنى باشقۇرۇش تەستىقلىغۇچى ئورگان ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ.
پۇقرا مەكتەپلىرى ھەربىر بوغالتىرلىق يىلى ئاخىرلاشقاندا، مالىيە - بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاپ، بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشىغا ھاۋالە قىلىشى ھەمدە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى لازىم.

6 - باب باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش

39 - ماددامائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.
40 - ماددامائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىنى قانۇن بويىچە مائارىپ تەپتىشلىكى قىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنى مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى باھالاشقا تەشكىللەيدۇ ياكى ئۇلارغا باھالاشنى ھاۋالە قىلىدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
41 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قائىدىسى ۋە ئېلانىنى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
42 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە، تەربىيىلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
43 - ماددادۆلەت ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنىڭ پۇقرا مەكتەپلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ.

7 - باب يۆلەش ۋە مۇكاپاتلاش

44 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، پۇقرا مەكتەپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلەتسە، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىسا ۋە تەقدىرلىسە بولىدۇ.
45 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىراجەت جەھەتتە ياردەم بېرىش، بىكار تۇرغان دۆلەت مۈلكىنى ئىجارە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۇقرا مەكتەپلىرىنى يۆلىسە بولىدۇ.
46 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
47 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملار بويىچە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىئانە - ھەدىيىسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
دۆلەت پۇقرا مەكتەپلىرىگە مال - مۈلۈك ئىئانە - ھەدىيە قىلغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تەقدىرلەيدۇ.
48 - ماددادۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇقرا مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كرېدىت ۋاسىتىسى ئارقىلىق قوللاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
49 - مادداخەلق ھۆكۈمىتى پۇقرا مەكتەپلىرىگە مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە كېلىشىمى بويىچە مۇناسىپ مائارىپ خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.
50 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتە، خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت پاراۋانلىق يېرىگە ۋە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مائارىپ يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
51 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرى مەكتەپ ئېچىش تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەن، تەرەققىيات فوندىنى قالدۇرۇپ قويغان ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باشقا زۆرۈر خىراجەتنى ئاجرىتىۋالغاندىن كېيىن، مەبلەغ چىقارغۇچى مەكتەپ باشقۇرۇش قالدۇقىدىن مۇۋاپىق نەپ ئالسا بولىدۇ. مۇۋاپىق نەپ ئېلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
52 - ماددادۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت - ياقا نامرات رايونلارغا بېرىپ پۇقرا مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ.

8 - باب ئۆزگەرتىش ۋە تاقاش

53 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى مالىيە ھېساباتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.
پۇقرا مەكتىپىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ پۇقرا ئالىي مەكتىپىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ.
54 - مادداپۇقرا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسىنى ئۆزگەرتىشنى قۇرغۇچى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇشى شەرت، مالىيە ھېساباتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.
55 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنىڭ نامى، قاتلىمى، تۈرىنى ئۆزگەرتىشنى مەكتەپ كېڭىشى ياكى مۇدىرىيىتى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.
باشقا پۇقرا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماس قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ پۇقرا ئالىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تەستىقلىغۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بەرسىمۇ بولىدۇ.
56 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى تاقىۋېتىش كېرەك:
(1) مەكتەپ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاقاشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلىغانلىرى؛
(2) مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغانلىرى؛
(3) مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلماي، داۋاملىق ئېچىشقا ئامالسىز قالغانلىرى؛
57 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنى تاقاشتا، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان پۇقرا مەكتەپلىرىنى تاقاشتا، تەستىقلىغۇچى ئورگان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.
الاخيس
58 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىنى تاقاشتا، مالىيە ھېساباتىنى قانۇن بويىچە ئېنىقلاش كېرەك.
پۇقرا مەكتەپلىرىدىن تاقاشنى ئۆزى تەلەپ قىلغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى شۇ مەكتەپ ئۆزى ئېنىقلايدۇ؛ تەستىقلىغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى شۇ ئورگان ئۆزى ئېنىقلايدۇ؛ مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلماي، داۋاملىق ئېچىشقا ئامالسىز قېلىپ تاقالغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئېنىقلايدۇ.


59 - مادداپۇقرا مەكتىپىنىڭ مال - مۈلكىدىن قەرز تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۈزۈلىدۇ:
(1) تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى، پارچە خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلىرىنى قايتۇرۇش؛
(2)ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى بېرىش؛
(3)باشقا قەرزلەرنى ئۈزۈش.
پۇقرا مەكتىپىنىڭ يۇقىرىقى قەرزلەرنى ئۈزگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مال - مۈلكى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
60 - مادداپۇقرا مەكتىپى تاقالغاندا، تەستىقلىغۇچى ئورگان مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى يىغىۋالىدۇ، تامغىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ.

9 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

61 - مادداپۇقرا مەكتەپلىرىدىن مائارىپ پائالىيىتىدە «مائارىپ قانۇنى»، «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا «مائارىپ قانۇنى»، «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
62 - مادداتەستىقلىغۇچى ئورگان ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار پۇقرا مەكتەپلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بار بولسا، ئالغان ھەققى قايتۇرۇلغاندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) پۇقرا مەكتىپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىۋەتكەن، قوشۇۋەتكەنلەر؛
(2) پۇقرا مەكتىپىنىڭ نامى، قاتلىمى، تۈرى ۋە قۇرغۇچىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛
(3)ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ساختا قائىدە ياكى ئېلان چىقىرىپ، پۇل - مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛
(4) ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى، تەربىيىلەش گۇۋاھنامىسى، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى قانۇنسىز بەرگەنلەر ياكى ياسىۋالغانلار؛
(5) قالايمىقان باشقۇرۇپ ئوقۇش - ئوقۇتۇشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار؛
(6) ساختا ئىسپات ھۆججىتى تاپشۇرۇپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ، مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛
(7) مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ - ساتقان، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلەر؛
(8) يامان غەرەزدە مەكتەپنى تاقىغان، مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغان ياكى مەكتەپ ئېچىش خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغانلار.
63 - مادداتەستىقلىغۇچى ئورگان ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1)قۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، مۆھلەت ئۆتكۈچە جاۋاب بەرمىگەنلەر؛
(2) بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىلتىماسنى تەستىقلىغانلار؛
(3)باشقۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(4) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئالغانلار؛
(5) پۇقرا مەكتىپىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلەر؛
(6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.
64 - ماددائىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پۇقرا مەكتىپى ئاچقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن پۇقرا مەكتىپى ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا تەستىق رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ مەكتەپ ئېچىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرىنى ئوقۇتۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

10 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

65 - ماددابۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇقرا مەكتىپى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا پۇقرا مائارىپى ئاپپاراتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەكتەپ مۇدىرى پۇقرا مائارىپىدىن باشقا مائارىپ ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەمۇرىي مەسئۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
66 - مادداسودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملىغان پۇقرالارنىڭ تىجارەتلىك تەربىيىلەش ئاپپاراتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
67 - مادداچېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
68 - ماددابۇ قانۇن 2003 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1997 - يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «ئىجتىمائىي كۈچلەر مەكتەپ ئېچىش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.


ئۆزدىيار تورىدىن ئىلىندى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮