ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى
يوللىغان ۋاقىت:2012-7-14 16:46:25  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:4687    بېسىپ چىقىرىش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى

 

(1996 - يىل 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 69 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)  

مۇندەرىجە 

      1 ــ باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      2 ــ باب كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى

      3 ــ باب كەسپىي مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇشى

      4 ــ باب كەسپىي مائارىپنى كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى

      5 ــ باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      1 ــ ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، مائارىپ قانۇنى ۋە ئەمگەك قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

      2 ــ ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيىلەشكە تەتبىقلىنىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيىلىشى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

      3 ــ ماددا كەسپىي مائارىپ دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى.

      دۆلەت كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

      4 ــ ماددا كەسپىي مائارىپتا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرگە ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ۋە كەسپىي ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش، كەسپىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش، كەسپىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش شەرت.

      5 ــ ماددا پۇقرالار قانۇن بويىچە كەسپىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

      6 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

      ساھە تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

      7 ــ ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا كەسپىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت، ياقا، نامرات رايونلارنىڭ كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولىدۇ.

      دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ كەسپىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئىشسىزلارنى ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشقا تەشكىللەيدۇ، مېيىپلار كەسپىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار - يۆلەك بولىدۇ.

      8 ــ ماددا كەسپىي مائارىپتا، ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت بەلگىلىگەن كەسىپ تۈرى ۋە كەسىپ دەرىجە ئۆلچىمىگە يارىشا، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيىلىنىش گۇۋاھنامىسى ۋە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

      دۆلەت ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىرى ياكى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تېگىشلىك كەسپىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

      9 ــ ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپ ئىلمى تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى تەشكىللەيدۇ.

      10 ــ ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقات ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

      11 ــ ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئومۇملاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرىدۇ، ماكرو جەھەتتىن باشقۇرىدۇ.

      گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

      ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى ۋە مۇپەتتىشلىك قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

2 – باب كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى

      12 ــ ماددا دۆلەت ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئايرىپ تەربىيىلەشنى يولغا قويۇشتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى تەربىيىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسپىي مەكتەپ مائارىپى بىلەن كەسپىي تەربىيە بىللە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمدە باشقا مائارىپ بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇلىدىغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

      13 ــ ماددا كەسپىي مەكتەپ مائارىپى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مائارىپى دەپ ئايرىلىدۇ.

      باشلانغۇچ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر يولغا قويىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى ئېھتىياج ۋە شارائىتقا قاراپ، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر يولغا قويىدۇ ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر يولغا قويىدۇ. باشقا مەكتەپلەر مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىر تۇتاش پىلانى بويىچە، ئوخشاش قاتلامدىكى كەسپىي مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

      14 ــ ماددا كەسپىي تەربىيىلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىرى تەربىيىلەش، كەسىپ ئالماشتۇرۇشتا تەربىيىلەش، شاگىرت تەربىيىلەش، ئىش ئورنىدا تەربىيىلەش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشتا تەربىيىلەش ۋە باشقا كەسپىي تەربىيىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تەربىيىلەش دەپ ئايرىلسا بولىدۇ.

      كەسپىي تەربىيىلەشنى مۇناسىپ كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى ۋە كەسپىي مەكتەپ يولغا قويىدۇ. باشقا مەكتەپلەر ياكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا قاراپ، جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

      15 ــ ماددا مېيىپلار كەسپىي مائارىپىنى مېيىپلار مائارىپ ئاپپاراتى يولغا قويغاندىن سىرت، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى، شۇنداقلا باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىمۇ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

      16 ــ ماددا ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ، كەسپىي مائارىپقا دائىر دەرسلەرنى تەسىس قىلسا ياكى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ.

 3 – باب كەسپىي مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇشى

      17 ــ ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تايانچ ۋە ئۈلگە بولىدىغان كەسپىي مەكتەپ، كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، يېزىلار، كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا پۇقرالار قانۇن بويىچە ئاچقان كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە يار - يۆلەك بولۇشى لازىم.

      18 ــ ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىقتىسادى، پەن - تېخنىكىسى ۋە مائارىپنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

      19 ــ ماددا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى، ساھە تەشكىلاتلىرى كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى بىرلىشىپ قۇرۇشى، ئۆز ساھەسىدىكى كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلارنى كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىنى قۇرۇشقا تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

      دۆلەت زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

      20 ــ ماددا كارخانىلار ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ۋە قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا بولغان كەسپىي تەلىم - تەربىيىنى پىلانلاپ يولغا قويۇشى لازىم. كارخانىلار كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىنى ئۆز ئالدىغا ئاچسىمۇ ياكى بىرلىشىپ ئاچسىمۇ بولىدۇ، ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ۋە قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا بولغان كەسپىي تەلىم - تەربىيىنى مەكتەپكە، كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

      تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيىلىنىشى شەرت، ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر تەربىيىلىنىشى ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى شەرت.

      21 ــ ماددا دۆلەت كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، باشقا ئىجتىمائي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

      چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى قۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

      22 ــ ماددا كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىنى بىرلىشىپ قۇرۇشتا، قۇرغۇچىلار بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش توختامى تۈزۈشى كېرەك.

      ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى، ساھە تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلاردىن كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشنى مەكتەپكە ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغانلىرى ھاۋالە قىلىش توختامى تۈزۈشى لازىم.

      23 ــ ماددا كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى كەسپىي مائارىپتا ئىگىلىك بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، كارخانا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئەسقاتىدىغان خادىملارنى ۋە مەلىكىلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

      كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى كەسپىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك كارخانا ياكى پراكتىكا ئورۇنلىرىنى قۇرسا بولىدۇ.

      24 ــ ماددا تەسىس قىلىنىدىغان كەسپىي مەكتەپ تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت:

      (1) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

      (2) لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇش؛

      (3) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە لايىق ئوقۇتۇش ئورنى، كەسپىي مائارىپقا ماس كېلىدىغان ئەسلىھەسى ۋە ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

      (4) تېگىشلىك مەبلىغى ۋە مۇقىم خىراجەت مەنبەسى بولۇش.

      تەسىس قىلىنىدىغان كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت:

      (1) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

      (2) تەربىيىلەش ۋەزىپىسىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش؛

      (3) تەربىيىلەشكە ماس كېلىدىغان ئورۇن، ئەسلىھە ۋە ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

      (4) مۇناسىپ خىراجىتى بولۇش.

      كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

      25 ــ ماددا كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەكتەپ ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغانلىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ، كەسپىي تەربىيىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن كەسپىي مەكتەپ ياكى كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىنىڭ ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغانلىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەربىيىلىنىش گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ.

      ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيىلىنىش گۇۋاھنامىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي مەكتەپتە ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسى قىلىنىدۇ.

 

4 – باب كەسپىي مائارىپنى كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى

      26 ــ ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قانۇن بويىچە جۇغلاشقا ئىلھام بېرىدۇ.

      27 ــ ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىدىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆز تارمىقىدىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ. كەسپىي مەكتەپ قۇرغۇچىلار كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجەت ئۆلچىمى بويىچە تولۇق ئاجرىتىدۇ.

      ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىغا كېرەكلىك مالىيە خىراجىتىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىۋېلىشىغا ۋە قىسىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

      28 ــ ماددا كارخانىلار ئۆز ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ كەسپىي تەلىم - تەربىيە خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە بەلگىلەيدۇ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە بەلگىلەيدۇ.

      29 ــ ماددا كارخانىلار بۇ قانۇننىڭ 20 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كەسپىي تەلىم - تەربىيىنى يولغا قويمىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىگەنلەردىن كارخانا ئۈستىگە ئالىدىغان كەسپىي مائارىپ خىراجىتى ئېلىپ، شۇ رايوننىڭ كەسپىي مائارىپىغا ئىشلەتسە بولىدۇ.

      30 ــ ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى «مائارىپ قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ مائارىپقا ئىشلىتىدىغان يەرلىك قوشۇمچە خىراجەتنى مەخسۇس تۈر ياكى ئۇنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپقا ئىشلەتسە بولىدۇ.

      31 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلارنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئۆزلەشتۈرۈش، تېخنىكا كېڭەيتىش خىراجىتىنى يېزىلارنىڭ كەسپىي تەربىيىلەش ئىشىغا مۇۋاپىق ئىشلەتسە بولىدۇ.

      32 ــ ماددا كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەسپىي تەربىيىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن مۇۋاپىق ئوقۇش ھەققى ئالسا بولىدۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇش ھەققىنى كېمەيتىپ ئېلىشى ياكى ئالماسلىقى لازىم. ھەق ئېلىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

      دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە كەسپىي مائارىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش قەرز پۇلى تەسىس قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلىشىنى ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشىنى قوللايدۇ.

      33 ــ ماددا كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى كارخانا قۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق قىلغان كىرىمىنى ئاساسلىقى كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىشى لازىم.

      34 ــ ماددا دۆلەت پۇل مائامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كرېدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار - يۆلەك بولۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

 35 - ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ كەسپىي مائارىپ ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپىي مائارىپقا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشىغا ۋە ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ماددىي ياردەم ۋە ئىئانە پۇللارنى كەسپىي مائارىپقا ئىشلىتىش شەرت.

      36 ــ ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

      كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، ئالاھىدە ماھارەتلىك خادىملار ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

      37 ــ ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنىڭدەك كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتى قۇرغان تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار كەسپىي مائارىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پراكتىكا بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى لازىم.

      كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پراكتىكىسىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. ئىش ئورنىغا چىقىش پراكتىكىسى قىلغانلارغا مۇۋاپىق ھەق بېرىشى لازىم.

      38 ــ ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەسپىي مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسپىي مائارىپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش - تەھرىرلەش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى لازىم.

 

5 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

      39 ــ ماددا كەسپىي مائارىپ پائالىيىتىدە مائارىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مائارىپ قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

      40 ــ ماددا بۇ قانۇن 1996

 

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىاك توربېكىتى

 

مەنبە: قانۇن تورى    بۇتېما ئۆسمۇرلەر تورىدىن ئىلىندى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮