ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى . ئالاھىدە تېما
يوللىغان ۋاقىت:2012-12-1 11:19:33  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:4218    بېسىپ چىقىرىش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى

 

( 2010 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
(34 – نومۇرلۇق)
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى›› 2010 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ
2010 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى
3 – باب خەلق مۇرەسسەچىلىرى
4 – باب مۇرەسسە تەرتىپى
5 – باب مۇرەسسە كېلىشىمى
6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن خەلق مۇرەسسە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەلق مۇرەسسەسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ سۆز بىلەن قايىل قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئالاقىدارلارنىڭ باراۋەر كېڭىشىشى ئاساسىدا، ئىختىيارىي ھالدا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى ھەل قىلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
3 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك:
(1) ئالاقىدارلار ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىش؛
(2) قانۇن، نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق؛
(3) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇرەسسە قىلىمەن دەپ ئالاقىدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى كېسىم قىلىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش يولى قاتارلىق يوللار بىلەن، قانۇن بويىچە قوغدىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق.
4 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ.
5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشىغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
6 – ماددا دۆلەت خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى كېرەكلىك خىراجەت جەھەتتە يولىدا قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ۋە خەلق مۇرەسسە خادىمىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.
2 – باب خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى
7 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات.
8 – ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتىدا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئېھتىياجىغا قاراپ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرىدۇ.
خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئۈچتىن توققۇزغىچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭغا بىر مۇدىر قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، بىر قانچە مۇئاۋىن مۇدىر قويۇلسا بولىدۇ.
خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىدە ئايال ئەزا بولۇشى، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئادەم سانى ئازراق مىللەتتىن ئەزا بولۇشى كېرەك.
9 – ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەزالىرى كەنت ئاھالە يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنى، شەھەر ئاھالە يىغىنىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا قۇرۇلغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، ئۇدا كۆرسىتىلىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.
10 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىشى ھەمدە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى شۇنىڭدەك خادىملىرىنىڭ تەشكىللىنىش ۋە تەڭشىلىش ئەھۋالىدىن شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
11 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە خىزمىتى تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
12 – ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىش شارائىتى ۋە زۆرۈر ئىش خىراجىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
3 – باب خەلق مۇرەسسەچىلىرى
13 – ماددا خەلق مۇرەسسە خادىملىرى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى تەكلىپ قىلغان خادىملاردىن بولىدۇ.
14 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ئادىل، دۇرۇس ئىش قىلىدىغان، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە قىزىقىدىغان ھەمدە مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيەسى، سىياسەت سەۋىيەسى ۋە قانۇن بىلىملىرىگە ئىگە قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالاردىن بولۇشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى خەلق مۇرەسسەچىلىرى كەسپىي جەھەتتە قەرەللىك تەربىيەلىشى كېرەك.
15 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى مۇرەسسە خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئۇلار ئىشلەيدىغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى تەنقىد – تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كۆرسەتكەن ياكى تەكلىپ قىلغان ئورۇن قالدۇرۇۋېتىدۇ ياكى بوشىتىۋېتىدۇ:
(1) ئالاقىدار بىر تەرەپكە يان بېسىش؛
(2) ئالاقىدارلارنى ھاقارەتلەش؛
(3) پۇل – مال سوراش، ئېلىش ياكى باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش؛
(4) ئالاقىدارلارنىڭ شەخسىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش.
16 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرىدىن مۇرەسسە خىزمىتى قىلغانلىرىغا مۇۋاپىق ئىش دەخلى ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك؛ مۇرەسسە خىزمىتىنى ئىشلەپ زەخىملىنىپ، مېيىپ بولۇپ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا، تۇرمۇشىغا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر ياردەم بېرىشى كېرەك؛ خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلەۋېتىپ قۇربان بولغان خەلق مۇرەسسەچىلىرىنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
4 – باب مۇرەسسە تەرتىپى
17 – ماددا ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشنى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئۆزلۈكىدىن مۇرەسسە قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار بىر تەرەپ مۇرەسسە قىلىشقا زادى ئۇنىمىسا، مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ.
18 – ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان ماجىرالارنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدارلارغا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىگە ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
19 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇرەسسە قىلىشقا بىر ياكى بىرقانچە خەلق مۇرەسسەچىسىنى بېكىتسە بولىدۇ، ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشقا بىر ياكى بىرقانچە خەلق مۇرەسسەچىسىنى تاللىۋالسىمۇ بولىدۇ.
20 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇرەسسەگە ئارىلىشىشقا ئالاقىدارلارنىڭ تۇغقىنى، قوشنىسى، خىزمەتدىشى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، مەخسۇس بىلىمى، مەلۇم تەجرىبىسى بار كىشىلەرنى ياكى ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىكى كىشىلەرنى تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى شۇ جايدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن ئادىل، دۇرۇس ئىش قىلىدىغان، مۇرەسسەگە قىزىقىدىغان، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغانلىرىنىڭ مۇرەسسەگە ئارىلىشىشىنى قوللىشى كېرەك.
21 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، قانۇن، قائىدىلەرنى بىلىشى، ئادالەتنى ياقلىشى كېرەك.
ئەل ئىچىدىكى ماجىرانى ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە مۇرەسسە قىلىش، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
22 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرادىكى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ بايانىنى تولۇق ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى سەۋىرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ، ماجىرانى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئالاقىدارلار باراۋەر كېڭەشكەن، ئۆز ئارا ئەپۇ قىلغان، يول قويغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي ھالدا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.
23 – ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە:
(1) خەلق مۇرەسسەچىسىنى تاللاش ياكى مۇۋاپىق كۆرۈش؛
(2) مۇرەسسەنى قۇبۇل قىلىش، رەت قىلىش ياكى مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش؛
(3) مۇرەسسەنى ئاشكارا قىلىش ياكى ئاشكارا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىش؛
(4) ئارزۇسىنى ئۆز ئالدىغا ئىپادىلەش، مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئىختىيارلىقى بىلەن ھاسىل قىلىش.
24 – ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ:
(1) ماجىرا پاكىتىنى ئەينەن بايان قىلىش؛
(2) مۇرەسسە سورۇنىنىڭ تەرتىپىگە رىئايە قىلىش، خەلق مۇرەسسەچىسىنى ھۆرمەتلەش؛
(3) ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ھۆرمەت قىلىش.
25 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا، ماجىرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسا، قاراتمىلىقى بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قۇللىنىشى كېرەك؛ ئامانلىق دېلوسى، جىنايى ئىشلار دېلوسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ماجىرالارنى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
26 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ باشقا ئېلىپ چىقالمىغاندا، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدارلارغا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى كېسىم قىلىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش،قانۇن يۈرگۈزۈش يولى قاتارلىق يوللار بىلەن، قانۇن بويىچە قوغدىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
27 – ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى مۇرەسسە قىلىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك. خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە خىزمىتى ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، مۇرەسسە تىزىمى، مۇرەسسە خىزمىتى خاتىرىسى، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئارخىپلاشتۇرۇشى كېرەك.
5 – باب مۇرەسسە كېلىشىمى
28 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندا، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلانسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلاش ھاجەتسىز دەپ قارىغاندا، ئاغزاكى كېلىشىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، خەلق مۇرەسسەچىلىرى كېلىشىم مەزمۇنىنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.
29 – ماددا مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلسا بولىدۇ:
(1) ئالاقىدارلارنىڭ ئاساسىي ئاھۋالى؛
(2) ماجىرانىڭ ئاساسىي پاكىتى، تالاش – تارتىش بولغان ئىش شۇنىڭدەك ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقى؛
(3) ئالاقىدارلار ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى، ئادا قىلىش ئۇسۇلى، مۆھلىتى.
مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى ئالاقىدارلار ئىمزا قويغان، تامغىسىنى باسقان ياكى بارمىقىنى باسقان، خەلق مۇرەسسەچىسى ئىمزا قويغان ھەمدە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى تامغا باسقان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىنى ئالاقىدارلار بىر نۇسخىدىن ئالىدۇ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى بىر نۇسخا ساقلاپ قويىدۇ.
30 – ماددا ئاغزاكى مۇرەسسە كېلىشىمى ئالاقىدارلار كېلىشىم ھاسىل قىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
31 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن ھاسىل قىلىنغان مۇرەسسە كېلىشىمى قانۇن جەھەتتە چەكلەش كۈچىگە ئىگە، ئالاقىدارلار ئۇنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكەن مۇجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
32 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئادا قىلىش ياكى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە تالاش – تارتىش كۆرۈلسە، ئالاقىدار بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
33 – ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مۇرەسسە كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن يۈرگۈزۈشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنى كۈچكە ئىگە دەپ قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، ئالاقىدار بىر تەرەپ ئادا قىلمىغان ياكى تولۇق ئادا قىلمىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە يولى بىلەن، ئەسلىدىكى مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئۆزگەرتسە ياكى يېڭىدىن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
34 – ماددا يېزىلار، بازارلار، كوچىلار شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئېھتىياجغا قاراپ، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇپ، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.
35 – ماددا بۇ قانۇن 2011 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن، نىزاملارنىڭتەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

 

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا توربېكىتى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮