ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋەھەرلىرى . بىلىۋېلىڭ
يوللىغان ۋاقىت:2013-5-29 23:29:04  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:3329    بېسىپ چىقىرىش

ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋەھەرلىرى

 

كىشىلەر ئىلگىرى ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ ئەمەلگە ئاشقان ۋە تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان تېخنىكىلارنىڭ بىر قىسىملىرى.ئەمەلگە ئاشقانلىرى:1 -  ئاپتوموبىل2 -  ئايروپىلان3 -  ئىچىدىن يانىدىغان دېۋىگاتىل4 -ماتورلۇق كېمە5 -  ئالەم كېمىسى6 -  تېلېفون7 -  ماشىنا ئادەم8 -  لازىر نۇرى تېخى ئەمەلگە ئاشمىغانلىرى1 -  سۇنئىي ئالتۇن ياساش تېخنىكىسى2 -  سۇنئىي ھاياتلىق3 -  ئۆلمەي ياش تۇرۇش4 -  كۆرۈنمەيدىغان قىلىش5 -  ھاۋادا لەيلەش6 -  يىراقتىكى ماددىنى يۆتكەش 7 -  ئۆلگەنلەر بىلەن سۆزلىشىش8 -  ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى كۆزىتىش9 -  كۆڭۈلدە ئويلىغاننى تارقىتىش تېخنىكىسىئىنسان روھىنىڭ ئەندىزىسى بولغان تەپەككۇر ماگنت مەيدانىغا ئوخشايدىغان سىرلىق كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە بىر دەريا دۇركى ئۇنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق كۆپلەپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ، ئېقىشىغا قويۇپ بەرگەندە ئاز پايدا ئالىمىز ياكى بىكارغا ئاقىدۇ. مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەپەككۇرىدىن، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇراقىبىسىدىن )ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر تەپەككۇر( ھاسىل بولغان ئالاھىدە ئىقتىدار ھادىسىلىرى ئىنسان تەپەككۇرنىڭ قۇۋۋىتىنى ۋاسىتە قىلىدۇ.تەبىئەتتىكى كېڭىشىش، تارىيىش، چوڭىيىش، كىچىكلەش قاتارلىق ھالەتلەر جىسىم )ماددا( نىڭ سۈپىتىدۇر. تەپەككۇر قىلىش، ئاڭلاش، خىيال قىلىش، ئەقىل يۈرگۈزۈش، سېزىش، ھېس قىلىش قاتارلىق ھالەتلەر روھنىڭ سۈپىتىدۇر، بۇ ئىككى ھالەت ئىككى ئاساستىن پەيدا بولىدۇ. يەنى ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى روھ بىلەن جىسىمدىن ئىبارەت ئىككى ئاساستىن بەرپا بولغان.1( بىزدە چۈشىنىش، ھوشيارلىق، ئىدراك قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بار، شۇڭا بىز كۆپ نەرسىلەرنى، ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزگىلەرنى بىلەلەيمىز، ھەر قانداق نەرسىنى ئەقلىمىز، مېڭىمىزگە تايىنىپ پىكىر يۈرگۈزىمىز، مانا بۇ ھالەتلەر 64 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى جىسىم - تېنىمىزنىڭ سۈپىتى ئەمەس. بەلكى بۇ جىسمىمىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى نەفسى ناتىقە )روھ( نىڭ سۈپىتىدۇر.2( ئىلمى تەشرىھ - ئاناتومىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ئىنساننىڭ تېنى ھەر يەتتە يىلدا بىر يەڭگۈشلىنىدىكەن، كونا بەدەن بۆلەكلىرى - ھۈجەيرىلىرى نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە ھەر خىل يوللار بىلەن ئالمىشىپ ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ماددىدىن تۈزۈلگەن يېڭى بەدەن ھاسىل بولىدىكەن. مىسال: يەتتە ياشتا يېڭى چىشلار چىقىدىكەن، ئون تۆت ياشتا تولۇق يېتىلىدىكەن، يىگىرمە بىر ياشتا ھېكمەت - بىلىم چىشى چىقىدىكەن، بىز ماددا ئالمىشىپ بەدەن بۆلەكلىرىمىزنىڭ يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق قاتارلىق بىر قانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ قېرىلىق ھالىتىگە كېلىمىز. ئەمما روھ ھەمىشە ياش تۇرىدۇ. ھېچقانداق بىر ئادەم قېرىپ قالدىڭ دېگەن سۆزنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆزىنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، قېرىلىقىنى تەن ئالغۇسى كەلمەيدۇ. ئون ياش ۋاقتىدا مەن دەپ خىتاب قىلغىنىغا ئوخشاش 60، 70، 80 ياشلارغا بارغاندىمۇ يەنىلا مەن دەپ خىتاب قىلىدۇ. دېققەت قىلىش لازىمكى بۇ مەن نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى بەدىنىنى تەشكىل قىلغان ھۈجەيرىلەر ئاللىقاچان قۇرۇپ تۈگىگەن بولۇپ، بىر قانچە باسقۇچلاردا يېڭىلىنىپ بولدى. بۇ چاغدىكى بەدەنلىرى بولسا، ئىلگىرىكى تەن  بولماستىن بەلكى يېڭى ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن يېڭى بەدەندۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى خىتاب قىلىنغان مەن دەل ئادەمنى ئىنسانلىق ماھىيەتكە ئىگە قىلغان روھنى كۆرسىتىدۇ، روھ، جىسىم )ماددا( غا بېقىندى بولمايدىغان ماددىدىن ئايرىم بىر نەرسىدۇر، تەن ھۈجەيرىلىرى ئالماشقان بىلەن روھ ئالماشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۆزىنى ئون ياش چېغىدا سىيىت ئاخۇن دەپ بىلسە سەكسەن ياشقا كىرگەندىمۇ ھەم سىيىت ئاخۇن دەپ بىلىدۇ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆمۈرلۈك توختامنامىلار روھنىڭ بارلىقى غا ئاساسلىنىپ تۈزۈلىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ، جىسىم - ماددىغا بېقىندى بولمايدىغان، ماددىدىن ئايرىم، تەندىن ئىبارەت جىسىمنى ئىدارە قىلغۇچى روھ - نەفسى ناتىقەدۇر.3( بىز ۋۇجۇدىمىزنى )ئۆزىمىزنى مەۋجۇتلۇقىنى( بىلىمسىز - ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىدۇ، مەلۇم بولغان نەرسە بىلەن مەلۇم بولمىغان نەرسە ئوتتۇرىسىدا ئايرىملىق بولىدۇ - بىر - بىرىگە نىسبەتەن قارىمۇ  قارشىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ قولى كىسىۋېتىلسە ئۆزىنىڭ تېرىسىنى تۇتالمىغان تەقدىردىمۇ مەن دەپ خىتاب قىلىدۇ. بۇ يۈرەك، ئۆپكە، جىگەردىن ئىبارەت ئىچكى ئەزالارغا قىلىنغان خىتابمۇ؟ بۇ ئەزالارنى ئاناتومىيە قىلماي - يېرىپ كۆرمەي بىلگىلى بولمايدۇ، بىز ئۆزىمىزنى بارلىق ئىچكى ئەزالىرىمىزدىن خەۋەرسىز دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلساق، ئاندىن تەندىن باشقا روھنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. ئىبنى سىنانىڭ ** كىتابىغا قارالسۇن 4( روھنىڭ ماددىدىن ئايرىملىقىنىڭ دەلىلى شۇكى ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر ئەزاسى كېمىيىپ قېلىش بىلەن روھىي  قۇۋۋەتلىرى: ئەقلىي  قۇۋۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قوراللىرى بولغان بەش سەزگۈ كېمىيىپ قالمايدۇ. ئادەم قول ۋە پۇتسىز بولۇپ قالسا ئۇنىڭ روھى يەنىلا ئەۋۋەلقى روھ، ئەقلى يەنىلا ئەۋۋەلقى ئەقىل بولىۋېرىدۇ. نۇرغۇن تەجرىبىلەردىن قارىغاندا ئادەم قول ياكى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى قۇۋۋىتى كېمەيمەستىن بەلكى ئېشىپ بارىدىكەن. ئەقلىي  قۇۋۋىتىمۇ قايناپ تاشىدىكەن. مەسىلەن، مېيىپ ئادەملەر نورمال ساق ئادەملەرگە قارىغاندا ھەر تەرەپتىن جانلىق بولىدىكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش قۇۋۋىتى، ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتى، خىيال قىلىش قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بىر - بىرىنىڭ تولۇقلىغۇچىسىدۇر، ياكى بىر ئەزانىڭ قۇۋۋىتى باشقا ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتى تۆۋەن بولسا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاشىدۇ ياكى كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يوقالسا، ئاڭلاش، ئەستە ساقلاش، خىيال قىلىش قۇۋۋىتى ئېشىپ بارىدۇ. ئەما ئادەملەرنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر روھ بەدەندىن ئايرىم نەرسە بولمىغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر ئەزاسى كەم بولۇشى ۋە ئاجىز بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ روھى قۇۋۋەتلىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا توغرا كېلەتتى، ئەكسىچە بىرەر ئەزانىڭ كېمىيىشى بىلەن شۇ ئەزادىكى روھ مەركەزگە يىغىلىپ ساق قالغان باشقا ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىپ بارىدۇ.5( ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال ئاستىدا ياكى ئادەم ئالاھىدە قېيىنچىلىققا يولۇققاندا بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇشىمۇ بەدەندىن باشقا روھى قۇۋۋەتنىڭ بارلىقىغا دەلىل بولالايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا 150 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىلەرنى كۆتۈرەلەيدىغان ئادەم ئېغىر قېيىنچىلىققا يولۇققاندا ئەسلىدىكىدىن بىر قانچە ھەسسە ئېغىرلىقتىكى يۈكنى ئاسانلا كۆتىرىدىغان ئەھۋال ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بېشىغا ئوت ئاپىتى، سۇ ئاپىتىگە ئوخشاش، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان، ئادەمنىڭ ئىقتىدارىدىن تاشقىرى تالاپەتلەر كەلگەندە يالغۇز بىرلا ئادەمنىڭ ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ كۆپ ئادەمنىڭ قۇتقۇزىشىدەك ئەھۋاللار خېلى كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئادەتتىكىدىن ئېشىپ كېتىشى روھىي  قۇۋۋەتنىڭ ماسلاشقانلىقىدىن بولىدۇ.6( بەدەننى بىر فابرىكىغا ئوخشاتساق ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرىدىغان بىر ئىدارە قىلغۇچى كۈچ باردۇر. بەدىنىمىزدە يۈرەك بار، بۇ يۈرەك ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتا ئاتمىش قېتىم تارىيىپ - كېڭىيىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. شۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بەدەندە چوڭ ۋە كىچىك ئىككى دەۋرىدىن ئىبارەت قان ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. چوڭ ئايلىنىش بەدەننى يېڭى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىچىك ئايلىنىش بەدەندىكى كونا - زىيانلىق ماددىلارنى ئۆپكىگە يەتكۈزۈپ نەپەس ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىككى دەۋىر قان ئايلىنىش ھاياتلىقتا بەك مۇھىم بولۇپ، ھاياتلىق بۇنىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ساغلاملىق ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سالىدىغان بىر باشقۇرغۇچى - بەدەندىن مۇستەقىل بولغان روھ باردۇر

 

مەنبە: پەرۋاز تورى

 

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا توربېكىتى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮