ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار-ھاجى قۇتلۇق قادىرى
يوللىغان ۋاقىت:2013-8-20 13:46:41  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:3952    بېسىپ چىقىرىش

ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار

 

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

 

ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ5 ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207- يىلدىن مىلادىنىڭ 216- يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن 46- 216- يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى (375-469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.
تۈركىي خەلقلەر ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بولغان ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا، چوغاي تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ياشىغان. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە <<ھون<< سۆزى كۈن سۆزىدىن چىققانلىقى مەلۇم.
   قەدىمكى چاغلاردا ھونلارمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاشلا قامان (شامان) دىنىغا ئىتىقات قىلغان. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك قامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، قامان دىنى بويىچە «كۈن» تەڭرىگە ئىتىقات قىلىش مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا قەدىمكى چاغلاردا ھونلار ئۆزلىرىنى «كۈنلەر» دەپ ئاتاشقان ئىكەن. «كۈن» سۆزى كېيىنكى كۈنلەرگە كېلىپ «ھون» سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
    تۈركىيىلىك پروفېسسور ئا. زەكى ۋەلىد توغانمۇ «ھون» ئاتالغۇسىنى «كۈن» دەپ يازىدۇ. يەنە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىمۇ «ھون» سۆزىنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئېيتىلىدۇ. قەدىمكى چاغدا ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنى شۇ دەريانىڭ نامى بىلەن ئاتاپ، «ھون» سۆزىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن.
مىلادى 5- ئەسىرنىڭ بېشىدا (420- يىلى) ئارال كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالى تەرىپىدىن كەلگەن ئاق ھونلار باكتېرىيىنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، كۇشانلارنىڭ كۈچلىرىنى يوقاتقان. ئاق ھونلار ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چىرايى ئاق سۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن روما تارىخچىسى فروكوفىيس ئۇلارنى «ئاق ھونلار» دەپ يازغان. 5- ئەسىردە ياشىغان ئەرمەن تارىخچىلىرى كۇشانلار بىلەن ئىفتالىتلارنى (ئاق ھونلار) بىر بىرىدىن پەرق قىلمايدۇ دېگەن . چۈنكى، كۇشانلار بىلەن ئىفتالىتلار (ئاق ھونلار) ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن ئىدى. بۇنى «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى . ئىفتالىتلار ھەققىدە قىسسە» دىكى مەلۇماتمۇ ئىسپاتلايدۇ. يىلنامىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىفتالىتلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن كېلىپ چىققان». تارىختا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، جەڭگىۋارلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تۇخارىستان، كۇشان ئىمپېرىيىسى، ئاق ھونلار (ئىفتالىتلار) ئىمپېرىيىسى قاتارلىق قۇدرەتلىق دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقى، يۈكسەك، باي مەدەنىيەت ياراتقانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر.
تۈركىي خەلقلەر قەدىمكى چاغلاردا دۈشمەننى (بۇ سۆز پارسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن) «ياۋ» دەپ ئاتايتتى. «ياۋچى» دېگەن ئىسىم ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئۇرۇشقاق، ئۆز قوشنىلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ تۇرىدىغانلىقىغا ھەم ناھايىتى جەڭگىۋارلىقىغا قاراپ قويۇلغان ئىكەن.
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا «ئاخۇن» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن بەلكى «ئاق ھون» سۆزىنىڭ «ئاخۇن» سۆزىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلار ئاق ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلماس بۈيۈك نەسەبىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ ئىشلىتىشنى لايىق كۆرگەن. مەسىلەن: مەمەت ئاخۇن، ساۋۇت ئاخۇن دەپ قوللانغان. ئەسلى بۇ ئىسىملار مەمەت ئاق ھون، ساۋۇت ئاق ھون بولۇپ «ئاق ھون» سۆزى «ئاخۇن» غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى «ئاخۇنجان ئاكا» دەپ ئاتىشىمۇ ئەسلى «ئاق ھون جان ئاكا» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىپ ئېيتىلىشىدۇر.
ئەمدى بىز ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىۋاتقان «ياپون» سۆزى ئەسلى «ياۋا ھون» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇلىشى مۇمكىن دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى ياپونلار ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىنى ياپون تىلىدا (日本 NIPPON) بولۇپ ، سۆزنىڭ ئوقۇلۇشى ئادەتتە ئېغىز تىلىدا «نىپون»، ئەدەبىي يېزىقتا «نىخون» دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «كۈن كۆتۈرۈلگەن جاي» دېگەنلىك بولىدۇ . بۇنىڭدىن «كۈن» دەل بىز يۇقىرىدا ئېيتقان «ھون» سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى بولۇپ ، بۇ يەردىكى «ھون» ئورخۇن دەرياسى ۋادىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ياپون تىلىدىكى ئۈچ چوڭ شىۋىنىڭ بىرسى يەنى خوككايدۇ شېۋىسى ئالتاي تىلىغا مۇناسىۋەتلىك شىۋە بولۇپ ، ياپون تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق فورمىسىدا ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن بولغان ئوخشاشلىق بار. مەسىلەن: جۈملىدىكى ئىگە، خەۋەر، تولدۇرغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا كېلىش قۇشۇمچىلىرىدا مەلۇم ئورتاقلىق بار. ياپونلارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خوككايدۇ ئارىلىدا ياشاۋاتقان ياپونىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى مىللىتى شۇنداقلا ياپون مىللىتىنىڭ يىلتىزى بولغان ئەينۇ (Ainu ) لار بولۇپ ، ئۇلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ھازىرقى ئېلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنى موڭغۇلىيە دالاسىدىن كەلگەن دېسە، بەزىلەر ئۇلارنى ئوكياندىن كەلگەن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇلارنى قەدىمكى ئاسىيالىقلار دەپ قارايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ، كىيىم-كېچىكى، مۇقەددەس ئۇسۇللىرى، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ كۆرۈدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيە دالاسىدىن بولسۇن ياكى ئوكيان ئادىمى بولسۇن بىردەكلا ھونلار بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. چۈنكى ياپونلار تا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا «كۈن» نى چۈشۈرۈپ ئالغان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلار «مۇ» قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى يەنى «قۇياش ئىمپېرىيىسى» بىلەن موڭغۇلىيە دالاسىدىكى قەدىمكى ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ھۆكۈم قىلساق خاتا بولماس. چۈنكى قۇياشقا ئىتىقات قىلىدىغان «مۇ» قۇرۇقلۇقىدىكى قۇياش ئىمپېرىيىسى ۋولقان پارتلاش ۋە يەر تەۋرەش سەۋەبىمدىن ھالاكەتكە ئۇچرىغاندا 64 مىليون ئاھالە قۇربان بولغان ئىدى. ھايات قالغان ئاھالىلەر ئۆزلىرىگە نىجاتلىق ئىزلەپ، ئەتراپتىكى باشقا ئاراللارغا ماكانلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ھازىرقى زامان تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ قىياسىچە تىنچ ئوكياندىكى بۇ يوقالغان قۇرۇقلۇق 2050- يىلى يەنە قايتىدىن بارلىققا كېلىش مۇمكىن دەپ قىياس قىلماقتا. يەنە بۇ يەردە شۇنى يۈرەكلىك بىلەن قەيت قىلىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل تەتقىقاتىدا كىتابى دەستۇر بولغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ياپونىيە خەرىتىسىنىڭ سېزىلىشى ۋە يەر شارى مىقياسىدا تۇنجى قېتىم خەرىتىگە چۈشۈرۈلۈپ «جابىرقا» دەپ ئىسىم قويۇلىشىمۇ مېنىڭچە تاسادىپىيلىق بولمىسا كېرەك دەپ قارايمەن.
   ياپونلار خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يىپەك يولى تەتقىقاتىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنۋېرستىتلاردا، شۇنداقلا ياپونىيەدە كەڭ-كۆلەمدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان بۇنداق قىزغىنلىقلار مېنىڭچە ئاساسسىز بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
قان تىپى جەھەتتىنمۇ تەتقىق قىلغاندا ئارىيانلار شۇنداقلا نېمىسلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ A قان تىپىغا كىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ھازىرقى زامان ئارىيان شۇناس ئالىملار ئارىيانلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، ئورتاق بولغان مۇنداق بىر پىكىرگە كەلدى. يەنى «ئارىيانلار ھونلار بىلەن بىردۇر، تۈركلەر ھونلارنىڭ قېرىندىشىدۇر» دېگەن يەكۈننى فورمۇلالاشتۇرۇپ مۇنداق تەڭلىمە چىقاردى:
ئارىيان  ھون  تۈرك  ئۇيغۇر ئەمدى مەن ئۈزۈمنىڭ يۇقىرىدىكى بىر قاتار ئىسپاتلارغا ئاساسەن بۇ تەڭلىمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بوش قالغان ئورۇنغا ياپونلارنى قۇيۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. يەنى:
ئارىيان  ھون  تۈرك  ئۇيغۇر  ياپون 
ئەگەر پۇرسەت بولسا بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرىقى تەڭلىمىنىڭ بوش ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن.
     ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ «بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. كىتاب «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» تەرىپىدىن 2001- يىلى 2- ئايدا نەشىر قىلىنغان.

مەنبە:زىلتاش تورى

 

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا توربېكىتى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮