ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
خەلقىمىزدە بوۋاقلارنى ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى. بىلىۋىلىڭ
يوللىغان ۋاقىت:2013-9-7 10:21:21  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:2819    بېسىپ چىقىرىش

خەلقىمىزدە بوۋاقلارنى ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى

 

خەلقىمىزدە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىنى ئەمدۈرۈشتىن باشقا، ئۇلارغا مۇۋاپىق يېمەكلىك بېرىلىدۇ. بۇ ئادەتتە بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇش دېيىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يېمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى ھېچقانداق دىنىي ئېتىقاد ئارىلاشمىغان، ساپ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتتۇر. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەر قانداق كەنت، مەھەللىلەردە شۇ يەردىكى كىشىلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان تۇغۇت ئانىسى بولىدۇ.
    بۇ تۇغۇت ئانىسى شۇ مەھەللىدىكى ئەڭ تەجرىبىلىك، گەپ سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكىتى چاققان، قولى يېنىك، ھەممە ئىشقا ئېپى بار ئاياللاردىن تاللىنىلىدۇ. ئۇلار تۇغۇت ئالدىدىكى ئانا ۋە بالىدا كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىش، ئالامەتلەرنى ئېنىق بىلەلەيدىغان، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا ۋە بالىنى قانداق پەرۋىش قىلىش، كۈتۈشنى بىلىدىغان، سالماق، تەمكىن بولۇشى كېرەك.
ئايال مەيلى ئائىلىسىدە ئۆزى تۇغقان ياكى تۇغۇت ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ۋە ياكى دوختۇرخانىدا تۇغقان بولسۇن، بالا تۇغۇلغان ھامان ئاۋۋال بالىنىڭ ئېغىز، بۇرنىنى، بەدەنلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ، كىندىكىنى بوغۇپ، ئىسسىق كۆرپە بىلەن زاكىلىنىدۇ. ئاندىن بالا ئېمىتىلىدۇ ۋە كېيىن مەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن يېمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ.
     بالىنى تۇنجى ئېغىزلاندۇرىدىغان ئادەم چوقۇم روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ئېغىر – بېسىق، كەمتەر، مۇلايىم، جۇشقۇن، باشقىلار بىلەن چىقىشقاق، لەۋزىدە تۇرىدىغان، مەرد، سېخى، مېھىر – شەپقەتلىك، كەڭ قورساق، ئەل ئارىسىدا ئىززەت – ھۆرمىتى بار، دوستلۇققا يارايدىغان بولۇشى كېرەك. بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە بالىنى كىم ئېغىزلاندۇرسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كېڭەش بولىدۇ.
     ئەر – ئايال مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق شۇ مەھەللىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك خاراكتېرىگە ئىگە بىرەر كىشىنى(ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن) كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئايال ئەگەر بالا ساق – سالامەت تۇغۇلسا پالانى ئېغىزلاندۇرسۇن دېگەندەك ئارزۇسىنى ئائىلە ئەزالىرىغا ئېيتىدۇ. بالا تۇغۇلغاندا ئائىلە ئەزالىرى شۇ كىشىنى بالىنى ئېغىزلاندۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
بالىنى ئېغىزلاندۇرىدىغان نەرسە قەنت، ئۆرۈك مېغىزى، نان دېگەندەك يېمەكلەر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاچچىق – چۈچۈك، تۇزلۇق يېمەكلىكلەردە ئېغىزلاندۇرۇشتىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى ئېغىزلاندۇرىدىغان يېمەكلىك ئەگەر تۇزلۇق، ئاچچىق – چۈچۈك، تەمسىز بولسا بالا چوڭ بولغاندا سەپرا مىجەز، ئاچچىقى يامان، تەلۋە، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالمايدىغان، جېدەلخور چوڭ بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
     قەنت، نان، ئۆرۈك مېغىزى دېگەندەك يېمەكلىكلەردە ئېغىزلاندۇرۇلسا، بالا چوڭ بولغاندا سۆزى قەنتەك تاتلىق بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. يەنە بالا تۇغۇلۇپ 40كۈن بولغىچە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممە تۈرىدىن بالىلارغا يېگۈزۈلىدۇ.
    بۇنداق قىلغاندا بالىلار چوڭ بولغاندا تاماق تاللىمايدىغان، بەدىنى ساغلام بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
بالا يېڭى تۇغۇلغاندا بەزى بالىلارنىڭ بېشى، يۈزى ئۇزۇن، بۇرنى كەڭ تۇغۇلىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ بېشىنى، يۈزىنى داكا بىلەن تېڭىپ، بۇرنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىر نەرسە قىستۇرۇپ قويسا بالا چىرايلىق چوڭ بولىدۇ. بالىنى بۆشۈككە بۆلەشنىڭمۇ ناھايىتى زور رولى بار.
بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىنىڭ پۇتى، پاچاقلىرى رۇس، بەدىنى كېلىشكەن ئادەم بولىدۇ. بۇلار بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىلار چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئادەت ھېسابلىنىدۇ.
     ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئادەتلەر ھەرگىز ئاساسسىز ئەمەس. ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار. بۇلار خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ يەكۈنى. بوۋاقنى ياخشى پەزىلەتلىك ئانا تۇغدۇرغان، ئېسىل خىسلەتلەرگە ئىگە ئادەم تاتلىق يېمەكلىكلەردە ئېغىزلاندۇرغان ئىكەن، بالىغا شۇنداق خىسلەتلەر تەبىئىي سىڭىدۇ. ئەجدادلىرىمىز بالا تەربىيەسىگە مانا مۇشۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان، بالىلار تۇغۇلۇش بىلەنلا ياخشى پەزىلەت بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن.
   بالىلارغا ئىسىم قويۇشتىمۇ خەلقىمىزدە 3، 7، 9 دېگەندەك سانلار، ھەپتىنىڭ جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى تاللىنىپ ئىسىم قويۇلىدۇ.
 
ئەلقۇش ئۇچۇر پەن-تېخنىكا توربېكىتى
        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮