ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
جۇڭگودىكى 10 مىليون مانجۇلاردىن ئۆز تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلار 10غىمۇ يەتمەيدىكەن
يوللىغان ۋاقىت:2013-9-26 23:31:51  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:3419    بېسىپ چىقىرىش

جۇڭگودىكى 10 مىليون مانجۇلاردىن ئۆز تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلار 10غىمۇ يەتمەيدىكەن

 


شىنخۇا تورى 23-سىنتەبېر تېلېگرافى (مۇخبىر سۈن رېن بىن، شۈ ياڭ) «نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە مانجۇلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 680 مىڭ بولۇپ، لېكىن مانجۇ تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغانلار 100گىمۇ يەتمەيدىكەن، پىششق بىلىدىغانلار 10غىمۇ يەتمەيدىكەن.» 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئارخىپخانا تەتقىقاتچىسى سۈن چېڭ دې (孙成德) تۇنجى نۆۋەتلىك مانجۇ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەئەللۇقاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ستراتېگىيىلىك مۇزاكىرە يىغىنىدا، 300 يىللىق تارىخقا ئىگە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولغان-مانجۇ تىلى يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، دېدى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مانجۇ تىلى چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە «دۆلەت تىلى» قىلىپ بىكىتىلگەن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن، مانجۇ تىلىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز زورايغان، مانجۇ ئەسكەرلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلىشىگە ئەگىشىپ، مانجۇ يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىمۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئايماقلىرىغىچە تارقالغان. لېكىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ جىيا چىڭ مەزگىلىدىن باشلاپ، مانجۇ تىلىنى ئىشلىتىدىغانلار بارا-بارا ئازىيىشقا باشلىغان، مانجۇ يېزىقىمۇ ئاستا-ئاستا غايىب بولغان.
شېنياڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو شىمال ئاز سانلىق مىللەتلىرى مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئاسپىرانت يىتەكچىسى ساۋ مېڭ (曹萌) مۇخبىرغا، بۇندىن بۇرۇن لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ بىر ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتە مانجۇ تىلىنى بىلىدىغانلار 100گە يەتمەيدۇ، مانجۇ تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلارنىڭ سانى 10غىمۇ يەتمەيدۇ، دېيىلگەن دېدى. ساۋ مېڭ يەنە:« بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇمات پەقەت تۆۋەنلەۋاتىدۇ. مانجۇ تىلىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا» دېدى.
جۇڭگو مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو مىللەت نەزىرىيىسى جەمئىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن مەسلىھەتچىسى ماۋ گوڭ نىڭ (毛公宁) « مانجۇ مەدەنىيىتى بىر خىل ئۆزگىچە مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە قوغدىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. كۆپ خىل مەدەنىيەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، مانجۇ تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى، بىزنىڭ مانجۇلارنىڭ مىللىي ئۆرۈپ-ئادىتى، دىنى-ئېتىقادى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.» دېدى.
چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ۋە خەلق كۆپ مىقداردا مانجۇ يېزىقىدىكى كىتاب، ئارخىپ، ئائىلە نەسەبنامىسى قاتارلىق ھۆججەت ماتىرىياللارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ساقلانغان مانجۇ يېزىقىدىكى ئارخىپ سانى 3 مىليون پارچە. بېيجىڭدىكى 1-تارىخىي ئارخىپخانىدا، 2 مىليون پارچە مانجۇ يېزىقىدىكى ئارخىپ ساقلانغان، تەيۋەن تەيبېيدىكى خان سارىيى مۇزېيىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق، لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئارخىپخانىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق مانجۇ يېزىقىدىكى ئارخىپ ساقلانغان.
مانجۇلارنىڭ ماكانى بولغان لىياۋنىڭدا، 5 مىليون 500 مىڭ مانجۇ بار ئىكەن. 2006-يىلى، شېنياڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو شىمال مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى تەرىپىدىن « لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك مانجۇ مەدەنىيىتى مەنبەسى ۋە تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىش بازىسى» دەپ بىكىتىلگەن، 2007-يىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن « دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر مەدەنىيىتى خىزمەت بازىسى» قىلىپ بېكتىلگەن.
نۆۋەتتە، مەزكۇر مەركەزدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىدىن 10ى بار، مەكتەپ ئىچىدىكى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىدىن 6سى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى قوشۇمچە تەتقىقاتچىدىن 6سى بار. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇلار « جۇڭگو مانجۇشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، مانجۇ تىلى ئىختىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيلەپ، مانجۇ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكچى.
ساۋ مېڭ :« ئەگەر بۇ خىزمەت ۋاقىتىدا، چوڭقۇر، سىستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلمىسا، مانجۇ تىلىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقى مانجۇ يېزىقىدىكى ماتىرىياللار مۇزېيلاردىكى قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر بۇنى تەرجىمە قىلىدىغان كىشى بولمىسا، بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى بىر چوڭ يوقۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.» دېدى.

مەنبە:باشلان تورى

 

ئەلقۇش ئۇچۇ پەن-تېخنىكا توربېكىتى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮