ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
تالانىتلىق گىتار ماھىرى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن ھەققىدە
يوللىغان ۋاقىت:2013-10-3 13:48:51  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:7355    بېسىپ چىقىرىش

تالانىتلىق گىتار ماھىرى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن ھەققىدە 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر گىتتار ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق گىتار ماھىرى، ئوت يۈرەك مۇزىكانت، كۆپكە ماھىر تونۇلغان ناخشىچى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن 1969ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تىۋەت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، 1991ـ يىلى 6- ئاينىڭ 13-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ گەرچە ئاران 22 يىلغا يېقىن ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆمرىدە 15 يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ئىشلىرى ئۈچۈن ئىجتىھاد بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،20 يىل بورۇن شۇ زاماندىكى خەلقىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان داڭلىق ئارتىسقا ئايلانغان.يالغۇز مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي ، نۇرغۇن ئىجادىي ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ يېزىپ ، خەلقىمىزگە سوۋغا قىلغان.
پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىن گەرچە ئارىمىزدىن كەتكىلى 20يىل بولغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ناخشا -مۇزىكىلىرى ھېلىھەم خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا،چوڭلارنىڭ ياش ۋاقىتلىرىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئەسكە ئېلىشى بىلەن،ياشلارنىڭ 20يىل بورۇن ئارىمىزدا مۇشۇنداق بىر ئوغلاننىڭ چىققانلىقىغا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە.ئەمما تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئەخمەتجان مەمتىمىننى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكىلى 20يىل بولغان مۇشۇنداق كۈنلەردە توردا ئەخمەتجان مەمتىمىنىڭ مىيىت نامىزى چۈشۈرۈش نەق مەيدان سىنلىق كۆرۈنۈشلىرى بىلەن مەرھۇمنى يەنە بىر قېتىم ئەسكە ئالىمىز.

مەرھۇم ناخشىچى ئەخمەتجان مەمتىمىنىڭ مىيىت نامىزىنى چۈشۈرۈش نەق مەيدانى

بۇ سىنلىق كۆرۈنۈش 1991-يىلى 6-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيە تۈۋەت يېزىسىدىكى ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ مىيىت نامىزىنى ئوقىۋاتقان قەبرىگاھلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،نەق مەيدان كۆرۈنۈشىدە ئەخمەتجان مەمتىمىن ھەققىدە شۇ يەردىكى يۇرت چوڭلىرىنىڭ سۆزلىرى ھەم ئۇنىڭ مىيىت جازىسىنى كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بېرىلگەن.بىز ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا بۇ كۆرۈنۈشنى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە مەزكۇر تېمىنى ئېلان قىلدۇق.

مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن تالانىتلىق گىتار ماھىرلىرىنىڭ بىرى . ئۇ 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى قاراقاش ناھىيە تۈۋەت يېزىسىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ راۋاپ ، تەمبۇر ، دۇتتار ، غىجەك ، قاتارلىق چالغۇلارنى چالالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى . ئۇ 4 يېشىدىن باشلاپ ساز چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق 1984-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ سەنئەت سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنىپ ، 1986-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن . بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن گىتار چېلىش ماھارىتىنى ئىگىلىدى . 1987-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك <<يېڭى قاشتېشى >> سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . ئۇ شۇ يىلى سىنتەبىردە <<تەڭرىتاغدا كۈز >> سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ <<ياشلىق كۈيى>> ،<<تاۋار بالىلار>> قاتارلىق ناخشىلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . 1987-يىلى <<شىنجاڭ ياشلىرى >> ژورنىلى ئۇنىڭ سەھنىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش كۆرىنىشىنى 11-سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا باستى . بۇ ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولدى . ئۇ 1988-يىلى نويابىردىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن <<كۈلكە چولپانلىرى>> ، <<ياشلار ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسى >> ، <<ئاتاقلىق سەنئەتكارلار ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسى >> ، << 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ سەنئەت بايرىمى >> ۋە 1989-يىلى <<يىپەك يۇرتىدا نورۇز >> قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى . ئەخمەتجان بۇ جەرياندا <<كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە>> ، <<ئۈرۈكۈم>> ، <<گۈزەل قىز >> ،<< سۇمبۇل چاچ >> قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىلىكتىرونلۇق گىتاردا ئۇرۇنداپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن <<1-دەرىجىلىك ئورۇندىغۇچى>> ، <<مۇنەۋەر ئورۇندىغۇچى>> ، << مۇنەۋەر ياش ناخشىچى >>ۋە << ئىلغار خىزمەتچى >> بولۇپ باھالىنىپ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى . كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ئۇنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى << شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى >> ۋە << شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى >> تەرىپىدىن تەلەپلەر بويىچە داۋاملىق ئاڭلىتىلىپ كەلگەن . << شىنجاڭ ياشلىرى >>ژورنىلى 1991-يىل 3-سانىدا ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ۋە ئىش - ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ باسقان.

    ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «قاپقارادۇ قاشلارىڭ»، «پاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «ئانا»، «ياشلىق كۈيى»، «توي ناخشىسى»، «كەلمىدىڭ»، «تەنھا»، «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە»،<<مىنىڭ گۈلۈم>>... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئېسىل، تاللانغان، شوخ ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە بىر قانچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە VCDپلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنغان. شۇنداقلا شۇ نادىر ناخشا ـ مۇزىكىلرىنى سەھنىلەردە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ناخشلىرى 80ـ 90ـ يىللاردا مودا بولۇپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشلىرى قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.بىراق 1991-يىلى 1991ـ يىلى 6- ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن يۈرىكى ئوت بولۇپ يانغان ئوت يۈرەك سەنئەتكارىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئەسكەرتىش: بۇ تېما باشلان تورىدىن ئىلىندى. بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھوقۇق باشلان تورىغا مەنسۇپ.

 

ھۆرمەت بىلەن: ئەلقۇش تورى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮