ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتىدۇ . ئالاھىدە تەۋسىيەلىك تېما
يوللىغان ۋاقىت:2013-10-6 22:50:34  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:3623    بېسىپ چىقىرىش

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتىدۇ

 

تارىخنىڭ لەنەت تاختىسى ئۇنى ھاقارەتلىگۈچىلەرنى ئىزدىمەكتە...
     <<سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى>>دىن
    ئىلىم - سەنئەت تارىخى شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى ، خۇنۇك ۋە ناپاك پىكىرنىڭ ئەخلەت توزانلېرى ئۇنىڭ ئىگىلېرىنى مەنىۋى مەدەنىيەت كۆكىدە ئۆرلەش ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان  . ئۇ خۇددى ئېغىر تاشتەك ئۇنىڭ پارلاق چوققىسىغا چىقىشىغا ھامان توسقۇنلۇق قىلىدۇ . روشەنكى پاكلىق ۋە ئۇلۇغۋارلىق روھىيەت پەرۋازىدىكى ھەقىقىي قاناتتىن ئىبارەت .  ئۇنداق بولمايدىكەن << موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە >> بولۇپ قالىدۇ !
<< ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار >>دىن
        سۆيۈش ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ھېسسىي (ئىمموناتسىيىلىك ) سۆيۈش ، يەنە بىرى ئەقىلىي ( راتسىيىلىك ) سۆيۈش ، مىللەتنى سۆيۈشتىمۇ مۇشۇ ئىككى تۇركۈمدىكى ياكى ئىككى دەرىجىدىكى كىشىلەر مەۋجۇت . بەزى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل سۆيۈش بىرلەشكەن ، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل سۆيۈش ئۆز - ئارا زىددىيەتلىك كۆرۈنۈش ئالغان . مىللەتنى سۆيىدىغان ، ئەمما << تارىخنى قايتا ئويلاشقا >> ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۈرگەن كىشىلەر پەقەت ھېسسىي سۆيگۈ بىلەن تويۇنۇپ قالغان ۋە بىكىنمىلىكنى مىللىتنى قۇتۇلدۇرىدىغان<< نىجادىيەت >> دەپ تونۇغۇچى كىشىلەر ، مەيلى ساۋاتسىز ياكى بىلىملىك ، مەيلى ئادەتتىكى ياكى نوپوز ئىگىسى بولۇشىغا قارىماي مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئاقىلانە قاتلىمىغا كۆتۈرۈلمىگەن ، ئۇنىڭغا قارشى روھىيەت بىلەن شوغۇللانغان كىشىلەر بەرىبىر مىللەتنىڭ نىجادىيەتچىلىرى بولالمايدۇ ! بۇ تولىمۇ نازۇك ئىدىۋىدال خاراكتىرىستىكا ئۆتكىلى ! تارىخ ھەر قېتىملىق مەرىپەت دۇلقۇنلېرىدا ئۇنىڭ ئىجابىي ۋە  سەلبىي قەھرىمانلېرىنى ئۆز سەھىپىلېرىگە خاتېرلەپ كەلگەن . ھەر قايسى مىللەتلەر تارىخىدا مۇنداق نۇر ۋە سايىلەر ئاز ئەمەس !
<<يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋىلىش >>تىن
   مەن تارىخچىلېرىمىزنىڭ ئۆلگەن جەسەتلەردىن كۆرەتىرىك مىللەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، مائارىپچىلېرىمىزنىڭ كىتاپ ۋە خمىيىلىك ئانالىزدىن كۆرە رېئال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرخالىق قىلىشىنى؛ يازغۇچى - شائىر ، - ئەنزارچىلېرىمىزنىڭكۈندۈلۈك تۇرمۇش ۋەقەلېرى چاتمىسىغا يۇشۇرۇنغان ئەسىر - ئەسىرلىك چىنلىق قاتلىمىغا چۆكۈشىنى ، ئۇلارنىڭ سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان پاراخوتلار بولۇشتىن كۆرە ، سۇ ئاستى كېمىلېرىدەك زىمىن باغرىدىكى ئوبيېكىتلار ئۈستىدە مۇتەپەككۈرانە پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ؛ بېيىۋاتقان كىشىلېرىمىزنىڭ قۇلغا كىرگۈزگىنى پاخال ، قولدىن بېرىپ قويغىنى جاۋاھىرات بولۇپ قالماسلىقىنى پايدا - زىيان مىزانى قىلىشلېرىنى ؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاشلىق ، پۇلات ۋە نېفىت مەھسولاتى ھەققىدە باش قاتۇرۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ ئۇرۇقى ، سۆڭەك  - قۇۋۇرغىسى ، قەلبى ۋە قېنى ئۈستىدە تەخىرسىز تەپەككۈر قىلىشىنى ؛ ئىللەت پاتقىقىغا چۈشۈپ قالغان ياش نوتا ۋە گۈل - گىياھلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تونۇپ ، مىللەت كېلەچىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۆزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەھرەمەن دىۋىدەك ئەلپازغا ئادەتلەنگەن سەلبى ئەرۋاھلارغا ۋە ئېسىل مىجەزلىك كىشىلەرگە كەلگەندە شۇنى ئېىش كېرەككى ، ئۇنىڭ كارامەتلېرى قەلبى نۇرلانغان ، روھىيىتى نۇسرەت تاپقان خەلق ئارىسىدا ئاساسلىق كۈچتىن قالىدۇ .
     << يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت >> تىن
     مېنىڭچە ، ھالقىلىق مەسىلە ئۇيغۇر روھىيىتىدىكى ھېسسىيات قۇرۇلمىسىنىڭ تەپەككۈر قۇرۇلمىسىدىن ئۈستۈن بولۇش ھادىسسىسىنى تەربىيە ئارقىلىق تەدىرجى تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە تارىخى ، ئەنئەنىۋى ئىزچىللىقى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرگىلى ، تەدرىجى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ .
<<مىللى مائارىپ ۋە نەزىريىۋى تەپەككۈر >>دىن
     مېنىڭچە ، تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ۋە نۇرانە مەسئولىيىتى كۆمۈلگەن تارىخنى تېخىمۇ كۆمۈپ تاشلاش ، ئېچىلىپ قالغان قىسمىنى بۇرمىلاش ئەمەس ، بەلكى ئۇنى ئۆز ھەقىقىتى ، سالاھىيىتى بىلەن يورۇق دۇنياغا ئېلىپ چىقىشتۇر .
     ئۆتمۈش ئادىللىق بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس !
ئېيتىش كېرەككى ،پۈتكۈل ئىسانىيەت ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىق قىممىتىدىكى بىر پۈتۈنلۈكى بىلەن ئۆزىنىڭ تەڭ قىممەتدار - تەڭ ھوقوقدار بىر قىسمىنىڭ ئۇنتۇلغان ياكى تۇمان ئىچىدە قالغان  تارىخىنى قايتىدىن بىلىشكە  ، يورۇتۇشقا مۇھتاج .يورۇتۇلغان تارىخ ئىسان ئۈچۈن پىرومىتى تېنىدىن ئۈزۈلگەن زەنجىردۇر ! بۇ ھەر خىل سىياسى گورۇھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىز ۋە يېزىقتىكى خىتابلېرىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىنى كۆرسەتكۈچى ئىستىرىلكا !
<< قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا >> دىن
     يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تارىخىي قىممىتى ئۆتمۈشكە تەنتەنە قىلىش ئىستىكى بولماستىن ، بەلكى رېئاللىق قوينىدا يىتىلىۋاتقان كەلگۈسى تەغدىرنىڭ زۆرۆريەتلېرىدىن ئىبارەت . شۇ سەۋەبلىك ھەقىقىي تارىخچى بىرىنچىدىن مەدەنىيەتشۇناس ، ئىككىنچىدىن كەلگۈسىشۇناستۇر .
<< يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش >>تىن   
     تارىخ ياسالماسلىقى لازىم . تارىخ ياساش تارىخنى بۇرمىلاشتىن ھەسسە - ھەسسىلەپ ئېغىر جىنايى ھادىسە ! بولۇپمۇ مۇققەددەس كىتاپ سەھىپىلېرىگە ئويدۇرما پاكىتلار ياسىغۇچىلارنى تارىخ ۋە چەكسىز بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كەلگۈسى ئەۋلاد كەچۈرمەيدۇ !
<< ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ مەقسىدى >>دىن
     تارىخ پەقەت ساغلام ، گارمونىك ، ئەتراپلىق ، نۇرانىلىقنىلا تەن ئالىدۇ . دەسلىپىدە ئەمەس ئاخىرىدا كۈلۈش ئۈچۈن دائىم يىراقنى كۆرۈش ، يىراقنى ئۆلچەم قىلىشنى بىلىش لازىم .
<< ئوقۇغۇچى توغرىسىدا >>دىن
     << تارىخنى قايتا ئويلاش >> مىللىي ئويغۇنىشنىڭ ، مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇقەددىمىسى . ئۇ مىللەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قايتا تېپىۋىلىشىدىكى ئىجابىي قانات ۋە ئۇڭا توسقۇن سەلبىي كۈشەندىلېرىنى پەرىقلەندۈرۈشى ئۈچۈن زۆرۆرى تەپەككۈر .
<< يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋىلىش >>تىن
     ئېيتىش كېرەككى ، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئوزۇقلىنىشقا ، ئۆز - ئۆزىنى جارى قىلدۇرۇپ يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا مۇھتاج ، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى وزۇقلانمايدىغان ھەيكەل ياكى قاماپ قويۇلغان مەھبۇس ئەمەس .
<< يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش>> تىن
     مىللىي مەدەنىيەتتىكى خاسلىق ۋە زامانىۋىلىقنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە بولىشى مىللىي مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ئۇلىدىن ئىبارەت . مەدەنىيەت جەھەتتىن قۇبۇل قىلىشتىن مەقسەتمۇ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋى رىقابەت دۇنياسىدىكى ھاياتى كۈچىنى يېتىشتۈرۈشتىن ، كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
<< يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋېلىش>>تىن
     ئەگر غەيرىي ، زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن تۈپتىن بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆز تارىخى دەپ قاراشقا مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە ، ئېيتىش مۇمكىنكى ، بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىش ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولغان ۋە بىھۇشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر . بۇنداق مىسلىسىز پاجىئەگە غەرىق بولغان ۋە ئۇنى نورمال تۇرمۇش رىجىسى دەپ بىلىشكە كۆنگەن مىللەت ھەمىشە ئۆز تارىخلىرى بىلەن مەرىپەت مەشئەلچىلېرى پاجىئەلىك دەپنە قىلىنغان لەھەت تۇپرىقى ئۈستىدە ئەمەل - مەنسەپ ، يۇرتۋازلىق ۋە تۇرمۇش ھەشەمىتى ھاۋاسىدا قامغاقتەك دومىلاپ يىللارنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھىچ نەرسىگە قادىر ئەمەستۇر .
     << قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا >> دىن  
<< مەدەنىيەت ھەققىدە ھىكمەتلەر >> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى

 

ئەلقۇش تورى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮