ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
ئالىم – ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
يوللىغان ۋاقىت:2013-10-13 22:11:07  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:3839    بېسىپ چىقىرىش

ئالىم – ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى شەكىللەندۈرگۈچى قەدىمكى ھەر قايسى ئۇرۇق ، قەبىلە ، قەۋم ۋە خەلقلەر يىراق ئۆتمۈشتىن باشلاپ تارىم ۋادىلىرى ، يارىش ( جۇڭغارىيە ) ئويمانلىقى ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، ئىسسىق كۆل ساھىلى ، ئېرتىش دەرياسىدىن تارتىپ بالقاش كۆلىنىڭ ئەتىراپلىرىدا ، بايقال ئەتىراپلىرىدا ، تاشقى مۇڭغۇلىيىدىكى سېلىنگا ، ئورخۇن ، تۇغلا ، قۇرۇلۇن دەريالىرىنىڭ ساھىللىرىدا ، ئورال – ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ، سەنشى ، شەنشى ، نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا ياشىغان . قەدىمقى دەۋردىن ھازىرغىچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن تارتىپ قوشنا خەلقلىرىگىچە ئورتاق ، ئىزچىل قوللىنىپ كېلىنگەن ئىسىم ‹‹ ئۇيغۇر ›› دېگەندىن ئىبارەت . مەسىلەن ، ‹‹ كونا تاڭ سۇلالىسى تارىخى ›› دا ‹‹ ئۇيغۇر ›› دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى ‹‹ شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلغۇچى ›› دەپ ئىزاھلىغان بولسا ، مەھمۇت قەشقەرىي : ‹‹ باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۈچىلەر، قولىدىكى ئوۋنى قاچۇرماي ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ تۇتقۇچىلار ›› دەپ چۈشەندۈرگەن .
. R  c  f  m0 S. ^1 @4 ~. s: Y+ e" Iئۇيغۇر تىلى ئورال – ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ئالتاي – تەڭرىتاغ تىللىرى ئائىلىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى شەرقىي ھون تۈركۈمى ئۇيغۇر – ئوغۇز تىلى بۆلۈكى ئۇيغۇر – قارلۇق تىلى قىسمى ئۇيغۇر تىلى دېئالىكتىكىغا تەئەللۇق .$ o& E9 |3 L* @6 b& W0 b
ئامىرىكىلىق ئالىم ر. گروسسىي : ‹‹ يايلاق ئىمپېرىيىلىرى تارخى ›› دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلارغا يوقىرى باھا بېرىپ ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ‹‹ مەدەنىيەت ئۇستازلىرى ›› دىن بولغان ، دەيدۇ . دېمەك ، تۈركىيىلىك ئاتاقلىق تاتار ئالىمى ئەھمەد زەكىي كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك : ‹‹ ئۇيغۇرلار تۈركلەر ئارىسىدا قۇۋۋەتلىكرەك ، مەدەنىيەتلىرىمۇ يوقىرىراق بولغانلىقتىن ، ئۆزىنىڭ تىللىرى باشقا تۈركلەر ئۈچۈنمۇ ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلغان ››6 E% B( j8 U% Y( k- Q
ــ ‹‹ ئۇيغۇر كللاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تىزىس ›› دىن .
# p+ b. S" A/ \4 i9 B- Mقەدىمقى ئۇيغۇرلار قوڭۇر ( ساغۇچ ) چاچلىق ، قوي كۆزلۈك ( ياكى كۆك كۆز ) ئىدى . ھازىرقى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئۆزگىرىپ كەتكەن .
5 w5 p8 t; \; j+ B: d; ?سىلەر ئەرەپچە ، رۇسچە ئىسىملاردىن ئەمەس ، قەدىمقى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدىن فامىلە ياسىساڭلار ياخشى بولىدۇ . بۇ ئىسىملار كونا قول يازمىلاردا بار . سىلەر ھازىر مەدەنىيەتتە ئارقىدا . بۇ دېگەنلىك ئەزەلدىن ئارقىدا ئىدىڭلار ، دېگەنلىك ئەمەس . ئۆز مەدەنىيىتىڭلارنى ئۆگۈنىڭلار ، ساقلاڭلار ، راۋاجلاندۇرۇڭلار . يازغۇچىلار بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىشى كېرەك . بولۇپمۇ دېھقانلارنى ئەينەن يېزىشى ، كۆپلەپ يېزىشى كېرەك. سەۋەبى ، ئۇلار مىللەتكە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدۇ ، ئۇلار ئاساسى خەلق . بىر مىللەتكە خاس بولغان نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەر دېھقانلاردا ساقلانغان بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئاستا بولىدۇ . ئۇلار يەرلىك ئادەت ، يەرلىك تىل ، مىللى مەدەنىيەتكە ئامىراق . مەن سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تىلىڭلاردا يېزىلغان ئەسەرلىرىڭلارنى ئوقۇپ باقتىم . تىل ئادىتىڭلار ، تىلدىكى مىللى خۇسۇسىيەتلەردە ئۆزگىرىش كۆپ ئىكەن . سىلەر ئۆز تىلىڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە جۈملە تۈزىشىڭلار كېرەك ., d) L8 W. ^8 K
ــ زورىدۇن سابىر : ‹‹ ياۋروپاغا سەپەر ›› دە بىر ياۋروپالىق ئالىمنىڭ ئاپتورغا ئېيتقانلىرىدىن .; l# S) Q, Z1 |3 ^, h
ئۇيغۇر دوستلىرىم ماڭا ‹‹ پەنجىگاھ ›› مۇقامى ئېلىنغان لېنتىنى سوۋغا قىلىشتى . مەشرەپ مۇقاملىرىنى ئۇيغۇر مۇقامچىلىرى چەكسىز ئىجتىھات بىلەن يۈرەكنى ئۆرتەيدىغان ئاۋاز ئېقىملىرى بىلەن كۈيلەيدىكەن . ئۇلارنىڭ ئاق تېرەكلەرنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ ياڭراتقان بۇ باھاسىز سىمفونىيە سادالىرىغا تەڭكەش بولۇپ تۇغۇلغان گۈزەل شېئىرلار كىشىلەرنى بىر – بىرىگە نەقەدەر دوست – ئاشىنا قىلىپ تۇرىدۇ – ھە ! قەبرىگاھتا ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەمەت سىزغان مەھمۇت قەشقەرىينىڭ رەسىمىگە ئۇزاق تىكىلدىم . ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈملۈك شاپاق دوپپىسى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىزدىنىشتىن ھېچقاچان تالمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش تازا ھەم روشەن . مەھمۇد قەشقەرىي سۆزلەرنى يوقۇلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان تەڭدىشى يوق ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى . ئۇنىڭ داھىيانە شاراپىتى بىلەن مىڭلىغان سۆزلەر ئەمدى مەڭگۈ تىرىك ، ئۇ سۆزلەر ئازاق بۇلاقلىرىغا ئوخشاش قايناپ تۇرىدۇ . نەچچىلىگەن خەلقلەرنىڭ شائىرلىرىغا ئىلھام بېرىۋېرىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىيگە ئوخشاش دانىشمەن ئالىملار ئىنسانىيەت جەمئىيەت تارىخى ئۈچۈن ساناقلىقلا . مەھمۇد قەشقەرىي خەلقلەرنىڭ سۆزلىرىنىلا ئەمەس ، ئۇلارنىڭ يامبۇ ، ئالتۇندەك ئېسىل ماقال – تەمسىللىرى ۋە رېئالىستىك روھقا باي شېئىرىيىتىنىمۇ ئەسىرلەر ئۈچۈن، تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن ساقلاپ قالغان . ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرنىڭ جاھان مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە قوشقان ئۆلمەس ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ بىرىدۇر .
; c1 b7 n/ v0 w/ Uــ ئىبىراھىم غاپۇرۇف ( ئۆزبەكىستان ) : ‹‹ قەشقەردە ›› ، تارىم ژورنىلى 1988-يىل 5- سان .
2 A8 M8 l) B- M, j8 H8 J$ [قەشقەرنىڭ تارىخى موسكۋانىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن . بىز رۇسلار ياكى سلاۋيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سلاۋيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا ، ئۇيغۇرلار ئاللاقاچان شەھەرلىشىپ بولغان ، شانلىق ـ يۇقىرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدى .8 s5 a( |+ R% c. `9 J  z( ^- ^
ــ ۋاسلېيېف ( رۇسىيە )7 t; [) M8 {! z
ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر جۈملىسىدىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەڭ قەدىمكى كۆپ سانلىق تۈركىي ( تىللىق ) خەلق ئىدى .
/ L& q* g8 ]/ K. `ــ ۋ. رادلوف ( رۇسىيە ): F8 |, B/ Q/ v. Z  a0 b
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يوقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان شەھەر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ، ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدى .
) G+ L$ L  _9 g) \# Kــ س. مالوف ( رۇسىيە )
. V* F" U! a: i/ A: zئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ، لېكىن ئازاراق مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارلىشىپ قالغان ، بۇلار قەدىمدە تېخىمۇ روشەن ياۋروپا ئىرقلىق خەلق ئىدى . ھەتتا كۆكۈچ كۆزلۈك ،سېرىق چاچلىق ، ئاق يۈزلۈك ، قاڭشارلىق ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار مۇڭغۇل ئىرقى ۋە باشقا ھىندى ، ياۋروپا خەلىلىرىبىلەن ئارلىشىش نەتىجىسىدە ۋە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن . خاتالاشمىسام ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەدىمكە بۇ ھالەتلەر ھازىرمۇ مەۋجۇتقۇدقۇ، دەيمەن؟- }+ X  e: U/ g4 X7 X# V' L
ــ ۋاسلىي ( رۇسىيە )
7 S% m. n9 E+ o1 V, }. a9 t+ W2 E, iجۇڭگو ، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دىگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز تەبىئى . شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ . مەسىلەن ، قەدىمكى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار ، چوڭ ياۋچىلار ، ساكلار ، ئىفتالىتلار ، چاڭلار ، تۇبۇتلار ، تۈركلەر ، سىيانپىلار ، قىتانلار ، جۇرجىنلار ، مۇڭغۇللار ياشىغان . بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ ، قۇدرەت تېپىپ جاھاننى سورىغان . لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا بەزىسى كىچىكلەپ ئاجىزلاپ كەتتى ، بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى . ئۇيغۇرلار بولسا ، تارىخدىكى بوران – چاپقۇندا راۋاج تېپىپ زورىيىپ ، شىنجاڭنىڭ ئاساسى مىللىتىگە ئايلاندى . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟+ r1 S6 k: b0 _( K
بۇرۇنقى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىلا سوغدى يېزىقى ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ، خەنزۇ يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى ، سانسكرت يېزىقى ، پارس يېزىقى ،تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، نىستورىئان دىنى، مەجۇسىي دىنىغا ئائىت دىنىي كىتاپلارنى تاش مەتبەئەدە نەشىر قىلالىغان . بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچىراپتىكەن . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟  t, ^5 t# Z& L1 J, W
بىرەر دەۋىرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەرباپلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت ، دەپ ئاتىماق تەس . شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۇسۇپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىي دېگەن ئىككى نەپەر كاتتا مەدەنىيەت ئەربابى چىققان .. Z0 Q+ J# J. q' Y5 H( |
بۇنىڭ سىرى نىمە ؟& B3 h% [% h0 L
ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ـ ئاخىرى بولۇپ شامان دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، مەجۇسىي دىنىغا ، بۇددا دىنىغا ، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان . دۇنيادا دىن ئەقىدىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟
1 L9 B3 P2 s# Bئۇيغۇرلار شىمالىي مۇڭغۇل قۇملىقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتە ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچۈپ تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تارىمدىكى بىرمۇنچە قەبىلە ـ ئەللەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلدى . كېيىكى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى ، مۇڭغۇلنى ، قىتاننى ئاسسىمىلاتسىيە قىلدى . شۇنداق زور ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نىمە ؟3 d, R; I# p: O; W4 x
ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار ، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى . بۇنىڭ سىرى نىمە ؟7 w2 a6 J- E! d% q( Q- O3 I
ئەرەپلەرنىڭ بىر ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى مۇنداق ئوبرازلىق سۈرەتلىگەن : ‹‹ ئۇ گويا تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدىن دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە ، گۈللەرنىڭ رەڭ ـ پۇراق تۈرلىرىنى ئايرىپمۇ تۇرمايلا شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ ›› .
1 T& Y9 C+ O3 T/ _. J. n0 ]ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەئەنىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ پارلاق نەتىجسى قاراخانىيلار سۇلتانلىقىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدۇر . ئۇنىڭدىن كېيىن دېڭىز – ئوكيان قاتنىشى راۋاجلانغانلىقتىن ، شىنجاڭنى ئارىلاپ ماڭىدىغان خەلقئارا سودا كارۋان يوللىرى بىكار بوپقالدى . شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلار شۇ كونا ‹‹ يىپەك يولى ›› دا جاپاغا چىداپ قاتناپ يۈرۈپ ، كەڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى .
1 V1 g9 l& o- |+ L1 j+ n$ y& ^ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ، كۆپ يولدىن، كۆپ تەرەپتىن، كۆپ قاتلامدىن كەلگەن چۆكتۈرمىلەرنىڭ جۇغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت .! S  s  V7 k' s; G! V3 x* @
ــ مىڭچىبى لۇلۇلۇ ( مۇڭغۇل ): ( ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش ) دىن .
# z% J5 ?. u8 S2 D6 y8 Vمۇڭغۇللار ( چىڭگىزخان دەۋرىدە ) ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشنى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى دەپ قاراپ بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئىران خەلقلىرىنىڭمۇ ئۆگىنىشىنىمۇ تەشەببۇس قىلغان . ئىلخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت مەمۇرى ئاپىراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىق مەمۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان . ھەتتا ئەينى دەۋرلەردە ئىلىم – پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان خوراساندىمۇ قىرغىندىن ساق قالغان ئالىملار ۋە پۇقرالار ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىنى ئۆگەنگەن .# B. N$ b9 a8 p2 v
ــ جۈۋەينىي ( ئىران )* j0 R+ M/ H1 I
ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى باشقا تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە قارىغاندا ، بالدۇر ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كىردى ھەم ھەممىدىن بۇرۇن شامانىزم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ، ئالدى بىلەن مانىي دىنى ، كېيىنرەك بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى . تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەر ئىچىدە بالدۇر يېزىق ئىجاد قىلىپ ، جۇڭگو بىلەن ماۋرائۈننەھىر ئارىسىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلققە ئايلاندى .
  y5 R: z6 s, Z8 k' m* Mــ ئا. يۇ. ياكۇبوۋىسكىې ( رۇسىيە )
+ P! D- }% n+ j4 y! g+ pكىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا ، ئالدى بىلەن مېڭ سۇلالىسى دەۋرى ( 1368-1644 ) دە ئۆتكەن ، غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭ خېنى تىلغا ئېلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى ـ يۇەن سۇلالىسى دەۋرى ( 1206-1368 ) دە ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ، ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغانىدى. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى ، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
' c7 c+ O* j- |ــ ۋاڭ شياۋ جيەن : ‹‹ ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش توغرىسىدا قىسسە ››، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژورنىلى 1987-يىل 1-سان ./ |9 z0 }; E; |* z3 D5 |5 ~9 {
‹‹ سىلەر ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدىڭلار . تۈركي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن سىلەر يېزىقنى ئىجاد قىلغان . بۇ يېزىق نۇرغۇن تۈركىي ( تىللىق ) خەلقلەرگە ئورتاق يېزىق بوپقالغان .ھازىرقى مۇڭغۇل يېزىقىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . قەدىمكى زامانلاردا ، ئۇيغۇرلاردىن ئاجايىپ زور ئالىملار يېتىشكەن . چىڭگىزخان ۋە ئۇنۇڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ، پۈتكۈل دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئىلىم – پەن ئۆگۈتۈش ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قولىدا ئىدى. تاتار خانلىرىمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن كۆپ نەرسىلەر ئۆگەنگەن ›› .- f8 W: e6 v7 q) r9 n' M3 g
ــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ‹‹ ئىز ›› رومانىدىن .8 E& ~" ^; ], C( K
بىز ئۇيغۇرلار تارىختا شانۇ ـ شەۋكەتلىك ئىشلارنى قىلغان ئەقىل ـ پاراسەتلىك مىللەت بولغان بولساقمۇ، كېيىن جەبرۇ – زۇلۇم، قۇللۇق، ئاسارەت تۈپەيلى قالاق، نادان، قاششاق بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالغانمىز . نادان مىللەتتە مەنىۋى ئىللەت كۆپ بولىدۇ. پۇلغا، مەنسەپكە خوتۇنغا ھېرىسلىق، خۇراپاتقا ئىشىنىش، يۇرتۋازلىق، قەبىلەۋازلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆزغورۇرىنى ساقلىماسلىق، ھەركىم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ، مىللەتنى ئويلىماسلىق ـ خۇلاسە كالام ، نادانلىق، نادانلىق ۋە يەنە نادانلىق، مانا بۇلار ئۇزۇن يىللىق ئاسارەتنىڭ مىللەت روھىغا باسقان مەرەز تامغىسى .8 j0 \6 o0 S1 p3 ^
ــ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : ‹‹ ئىز ›› رومانىدىن .
$ b0 x7 \! ~# P  A& d- J- iمەنبە : مىسرانىم

 

 

ئەلقۇش تورى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮