ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
مۇنداقمۇ خانىم قىزلىرىمىز ئۆتكەن . ئالاھىدە تەۋسىيەلىك تېما
يوللىغان ۋاقىت:2013-12-19 14:06:03  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:4623    بېسىپ چىقىرىش

مۇنداقمۇ خانىم قىزلىرىمىز ئۆتكەن

 

1.باتىسخان ئانا
تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن. تارىخچىلار ئۇنى غەربى يۇرت قوۋملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداش دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى تەتقىقاتلار «باتىسخان ئانا »قەدىمكى ھونلارنىڭ خان ئانىسى بولۇشى مۇمكىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇنى «شىۋاڭمۇ» دەپ ئاتىغان ئۇنىڭ «ئاق بۇلۇت قوشىقى»، «باتىسخان ئانا كۈيى»ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن .

2.ئاماننىساخان (1534 - 1567)
يەكەن خاندانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق شائىرە ۋە مۇقامشۇناس.
ئۇ 1534-يىلى يەكەنگە تەۋە تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمىتۇللا بىننى موللا نېمىتۇللا مۆجىزىنىڭ «تارىخى مۇسقىيىن» ناملىق ئەسىردە خاتىرىلەنگەن.
ئاماننىساخان 13 يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەن، ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا خانىم-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقى جەمئىيلىيە»، «شۇرۇلقۇلۇپ» (قەلبلەر كېڭىشى)، «دىۋان نەپسى»قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. «ئىشرەت ئەڭگىزى»، (خۇشاللىق قوزغاش) دېگەن كۈينى ئىجاد قىلغان بولۇپ، 1567- يىلى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.

3.ئاخۇن ئاغىچا
19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىر. ئۇ 1860-يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتلىغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمانخان غوجام (1833 - 1863)نىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئابدۇرارخمانخان غوجام قۇربان بولغاندا ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيىلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان.

4.ئەسىرى
تەخمىنەن 18 - 19 ئەسىرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تېپىلغان (باياز)غا شائىرنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

5.ئەنبەر ئاتىن
(1870 - 1915) شائىرە ئەنبەرئاتىن دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى، ئۇ ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ھاياتىدا خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئاسىيا يېقىنقى زامان دېموكراتىك شائىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىغا زىچ ماسلاشقان رېئالىستىك شائىرە ئىدى. ئۇ قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشىغان.

6. بۈۋى زەينەپ
1660-يىللاردا يەكەن شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسمايىلخاننىڭ قىزى بولۇپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يەكەندىكى يېشىل مەدرىستە ئوقۇغان. 1678-يىلى ئاپاق خوجا يەكەن خاندانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئىسمايىل خاننى جەمەتى بىلەن ئىلىغا ياللاپ ئېلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

7.رائىلە خانىم ( 1860~ 1917)
قەشقەرنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 1885-يىلدىن باشلاپ ئاتۇش ئىكساق پەننىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، «دەلائىلۇ ئىلىم»(ئىلىمگە دالالەت قىلغۇچى)
ناملىق كىتابىنى يازغان.(بۇ قوليازما ھازىرمۇ ساقلانماقتا).«قۇرئان كەرىم»نى ھۆسىنخەت شەكلى بىلەن تولۇق كۆچۇرۇپ چىققان.رائىلە خانىم ئۇيغۇر يىقىنقى زامان ئاياللار مائارىپىنىڭ باشلامچىسى.

8.ئىپارخان ( 1733~ 1788)
ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان(ئەلانۇرخىنىم ياكى مەمۇرئەزەم) چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، چيەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە باغ ، قەسىر ، مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولىسىمۇ ، ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ئالدىدا بىر تىينگە تەڭ قىلمىغان . ئۇ چيەنلۇڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرىغا قايتىپ كېلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن . (ئۇنىڭ قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى،قەيەرگە دەپنى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بار)

9.رىزىۋانگۇل (1925~ 1945)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزىۋانگۇل قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان . 1932 - يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، ، كۆپلىگەن كوماندىر - جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان . 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشۈۋاتكان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەنرىڭ قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .

10.مۆھتىرەم خېنىم (جاللات خىنىم)
مۆھتىرەم خېنىم ئەسلى ئىسمى‹‹ مەھلىيا ››بولۇپ مىلادىيە 1656-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ 17-ئەسىردىكى يەركەن خانىدانى سۇلتان سەئىدخان ئوغلى سۇلتان ئابدۇرشىتخان ئوغلى سۇلتان ئابدۇرەھمان ئوغلى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى ،تۇرپاننىڭ نائىپ ئەمىرى سۇلتان سەئىد باباخاننىڭ قىزى.ئۇ ئوقيا ئېتىش ،چېلىشىش،قىلىچۋازلىق جەڭ ماھارىتى ،كىلاسسىك ئەدەبىيات قاتارلىق جەھەتلەردە 10 ياش ۋاقتىدىلا يېتىلىشكە ھەم كۆزگە كۆرنىشكە باشلىغان.ئابدۇللاخان بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى قەشقەرنىڭ باش مىرزا بىگى يولۋاس خان ئوتتۇرسىدىكى تەخىت تالىشىش ۋە يەركەندىكى ئىسھاقىيە سۈلھى  بىلەن قەشقەردىكى ئىشقىيە سۈلھى ئوتتۇرسىدىكى مەزھەپ تالىشىش كۈرەشلىرىدىن باشلانغان زىددىيەتلىك قىرغىنچىلىق دەۋىرلىرىدە خەلق تىنىچلىقى ھەم بىرلىكى ئۈچۈن مەلىكە مەھلىيا خېنىم ئاپپاق غوجىغا تۇرمۇشقا چىقىدۇ .ئاندىن خاندانلىقنى قوغداش ،سىياسەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن‹‹ ئاپپاق غوجا ››يەنى ئىشقىيە سۈلھىنىڭ باشلامچىسى ھېدايىتۇللا ئىشاننىڭ قول ئاستىدىكى دىننى تونغا ئورنىۋېلىپ بىگۇناھ خەلىقنىڭ قىرغىنچىلقىغا سەۋەپ بولغان ۋە ئەمەل تۇتقان دىندار زاتلارنى يىغىپ قەتلە قىلىدۇ،ھەم رەھىمسىزلىك بىلەن قارىقويۇق باستۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ،شۇنىڭ بىلەن جاللات خېنىم دەپ ئاتىلىدۇ.

11.يەتتە قىزلىرىم
1765-يىلى چىرىكلەشكەن چىيەنلۇڭ خاندانلىقى زامانىسىدا ، ئېلىخان قەمبەر بەگنىڭ ئۆلىمى سەۋەبىدىن باشلانغان جىگدە يېغىلىقى يەنى ئۈچ تۇرپاندىكى  ئەڭ زور قىرغىنچىلىق بولۇپ،پۈتۈن شەھەر خەلىقى قىرىلىپ مال-مۈلىكى تالان تاراج قىلىنغان .مۇشۇنداق مەزگىلدە يەتتە قىز باشتىن ئاخىر قەيسەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ خەلىق ئۈچۈن ئەڭ ئامالسىز دەقىقىلەرگۈچە قىلچىنى تاشلىمىغان،ئۆز ئىپپەت ھاياسى ئۈچۈن جاندىن كەچكەن.‹‹مايسىخان››-قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق .‹‹غۇنچە››-قايماقتەك سۆزلەپ تىڭشىغۇچىلارنىڭ ئىچ باغرىنى مومدەك يۇمشىتىۋېتەلەيدىغان ،چېچەن ھازىر جاۋاپ قىز .‹‹دىلبەر››-كۆپ ۋاقتىنى گۈزەل خىياللارنى سۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئويچان قىز،ئۇنىڭ شائىرلىق ماھارىتى ۋە ھازىر جاۋاپلىقىغا ھەممە تاڭ قالىدۇ.‹‹زۆھرە››-چىرايىدىن تاڭدىكى چولپاندەك نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئوماق قىز.‹‹قەمبەرنىسا››-تەققى-تۇرقى تۈپتۈز ئۆسكەن شەمشاتنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بوي قىز.‹‹گۈلئايىم››-تىنىق بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك شەھلا كۆز گۈزەل قىز.‹‹ئەختەرنىسا››-دالىلارنى چاڭ كەلتۈرۈپ ناخشا توۋلاپ،تايچاقتەك قىيغىتىپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن شوخ ئەركە قىز.
      يەتتە قىزنىڭ خۇيى ۋە خۇلىقى ئۆزگىچە ھەرخىل،لىكىن ئېتىقادى،تەلپۈنىشى،ۋە تەقدىرى بىر،جەسۇرلىقى ۋە ئەخلاقى ھازىرقى زامان ۋە كەلگۈسىدىكى خانىم -قىزلىرىغا ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بولىدۇ.

12.بۈۋى رابىيە كاشغەرى
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغارىنىڭ ئانىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ ھەرجەھەتتىن يىتىشكەن شائىرەسى.

13.مايمىخان
  (1812 - 1830)غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830 - يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

14.نۇزۇگۇم
(1808 - 1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم ، 1826 - يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلىمىغا قارشى خەلىق قوزغىلىدا ئىلى جىياڭجۈنىگە سۈرگۈن قىلىنغان . مانجۇ ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي ،توي كىچىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ ، 6 ئاي قۇمۇشلۇقتا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ، 3 ئاي زىندانغا سولانغان .1827 - يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

15.زۇلەيخان بىگىم
17 - ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر .

16.ئايخان ئانا
(1888 - يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 - 1934 - يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكە " ئايخان ئانا مەكتىپى " دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .

17.ئايشەمخان
1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جەنۇبىي يۆنىلش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

18.ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى رابىيە
ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق ئەنئەنىسىدە ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپتىدە رابىيە - سەئىدىن تىلغا ئىلىنىدۇ.ئۇلار 18 - ئەسىرلەردە ياشىغان رىئال شەخىسلەر . ھازىرمۇ رابىيە - سەئىدىن قەبرىسى " ئوشماق مازار " نامى بىلەن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يامانيار يېزىسى سۈبھاناللا كەنتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .

19.بۈبى مەسۈم ئەزىزەم
18-ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرەدۇر.

20.جىۋا(324-؟)
مەشھۇر ئالىم ۋە نومشۇناس كومراجىۋانىڭ ئانىسدۇر. ئۇ قەدىمكى كۈسەندىن بولۇپ،ئۆز ۋاقىتدا قەدىمكى كۈسەن ۋە سانسكرىت تىللىرىنى پىشىشق ئىگىلىگەن.تىبابەتچىلىك ساھاسدىمۇ زور شۆھرەت قازانغان. جىۋا«ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى يىزىپ چىققان.

21.دىلبەر دورغا
19-ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يىرىمدا قاراقاش ناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن تەنقىدىي
رىئالىزىمچى شائىرە. ئۇنىڭ «مەزلۇملارئاھى»(ئەرزنامە دەپمۇ ئاتىلدۇ)نامىلىق مۇخەممەس بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

22.دىلشاد بەرنا(1800-1905) .
ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىرە بولۇپ، تاجىكستان ئۆرەتۆپىلىك. شائىرە 1817-يىلى قوقان
خانى تەرىپىدىن ئەسىر سۈپىتىدە قوقەندكە ئىلىپ كىتىلگەن. ئۇنىڭ ھاياتقا، مۇھەببەتكە، يۇرتىغا بولغان سىغىنىشى، ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن«سەبەتۇل بەشرە»(ئىنسانىي خىسلەتلىرى)،«تارىخيى مۇھاجىران» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

23.زەبۇنىسا(1639-1708).
ھىندستاندىكى بابۇرىلار خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن.ئۇ بابۇر شاھىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ،1639-يىلى دېھلىدا تۇغۇلغان. 70 يىللىق ھاياتىنى يالغۇزلۇق ۋە غىرىبلىق ئىچدە ئۆتكۈزگەن. «زەبۇنىسا» شائىرەنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىىدۇر. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئەرەب ، پارىسچە مەنبەلەردە تىلغا ئىلىنغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى  ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

24.زۇلفىيە(كاشغەرى).
ئۇ ئاپئاق خوجاجۇڭغارلاغا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ «دىۋان زۇلفىيە»ناملىق لىرىكىلار توپلىمى بولغان.

25.زىلەيخا بىگىم
يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە بولۇپ،قەشقەرنىڭ قوغان يىزىسىدىن. ئۇ
ئاپئاق خوجا (1626-1694) نىڭ ئانسى. « سىلسىلە تۈز زەھەپ» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارغا
قارىغاندا، ئۇ ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارىس شائىرلىرىنىڭ شىئىرلىرىنى مۇتالىئە قىلىشتا داڭ چىقارغان. زىلەيخا بىگىمىنىڭ بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى«باياز»غا كىرگۈزۈلگەن.

26.زۇمرەت
19-ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ خىلى كۆپ شئىرلىرى «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن.

27.سۈلئى سۇما
مىلادىيە 4- ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال مۇتەپپەككۇر
ۋە ئەدىبتۇر. ئۇ يەركەن خانىنىڭ كىچىك قىزى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىنىڭ تەسرىدە ئۆسۈپ يىتلگەن. كومراجىۋامۇ 357-يىلى كەشمىردىن كۇچاغا قايتىش سەپىرىدە يەرەنگە كىلىپ سۈلئى سۇما بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. لىكىن سۈلئى سۇمانىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

28.سېمرا قىزى
18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇدۇن خانى چىسا سىمرانىڭ قىزى. ئۇنىڭ قەدىمكى خوتەن تىلىدا يىزىلغان«سىېغنىش نەزمىسى» ناملىق شىئرى ھازىر پارىژ مۇزىيىدا«2027»نومۇر بىلەن ساقلانماقتا.

29.شياۋ گۈەنيىن(1039-1075)
قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرشائىرەدۇر. ئۇنىڭ دادىسى شىياۋخۇي ( ئۇيغۇرچە ئىسمى خاتىرىلەنمىگەن) قىتان خانلىقىدا ۋەزىر بولغان. شىياۋگۈەنيىن قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇ بەرباب چىلىش ۋە شىئىرىيەتتە داڭق چىقارغان بولۇپ، خىلى كۆپ شىئىرلارنى خەنزۇچە يازغان. شائىرەنىڭ«قەلب ھويلىسغا قايتىش»، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش»،«نامدىن جۇدا بولۇش»قاتارلىق ئەسەرلىرى ساقىلىنىپ قالغان.

30.شى لەنلەن باقشى(؟-1332)
يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ۋە شائىرەدۇر. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇجۇلۇق بولۇپ، يۈەن دەۋرى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. شى لەنلەن خەنزۇ تىل يىزىقىدىكى «بۇددا ۋاتامساكا ماخاۋاي»، «لىڭيەن سۇترىسى»،«ئالتۇن يارۇغ». تىببەت يىزىقىدىكى«پىراجىناغا ئوقۇلغان سەككىز مىڭ مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆچۇرۇپ چىققان.

31.گۈەن يۈەنشى قىزى
14- ئەسىر يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن. بۇ ئۇيغۇرشائىرەنىڭ ئۆز ئىسمى نامەلۇم. ئۇنىڭ دادىسى گۈەن يۈەنشى(كۈن سەۋىنىچ) خەنزۇ ئەدىب ئوياڭ سۈەن يازغان«گۈەن يۈنشى ھەزىرەتلىرىنىڭ يادنامىسى» ئەسىرىدە:«گۈەن يۈنشىنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، ئۇ بىلىملىك، ماقالە-ئەسەر يازالايدۇ»دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

32.مۇترىبە
18- ئەسىردە پەرغانىدە ياشاپ ئۆتكەن قەشقەرلىك شائىرەدۇر. ك. بىرۇۋكۇف «تىل – ئەدەبىيات
ۋە تارىخ مەسىلىلەر» (1948-يىلى ئالمۇتا) ناملىق كىتابتىكى ماقالىسىدە بۇ شائىرە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

33.نادىرە(1792-1842)
قوقان خانى ناربۇتابىك زامانىدا ئەنجان ھاكىمى بولغان رەھمان ئائىلىسدە(ئۇيغۇر) تۇغۇلغان. ناربۇتابىك ئۆلۈپ ھاكىميەت ئۇنىڭ ئوغلى ئالىمقان قولىغا ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەرخان-يىلى نادىرەنى نىكاھىغا ئالغان. ئۆمەرخان ۋاپات بولۇپ ئۇ تۇل قالغان.1842-يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسۇرۇللاخان قوقانغا قوشۇن تارتىپ كىلىپ نادىرەنى ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۇرۋەتكەن. شائىرەنىڭ«دىۋانى نادىرە» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

34. ھەمراھ بۈبى
19-ئەسىردە قەشقەرنىڭ ئاتۇش يىزىسدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىر قىسم غەزەللىرى 1980-يىلى ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلغان.

35.قەھرىمان ئايال تۇمارىس
مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە ئۆتكەن ئىران پادىشاسى كەيخۇسرونى پەم بىلەن يىڭىپ تۇران زىمىنلىرىنى ياۋنىڭ تۆمۇر تاپىنىدىن قۇتۇلدۇرغان جەسۇر ئايال پادىشا.

36.تۈركەن خاتۇن
Ⅺ ئەسىردە سالجۇقىلار ئوردىسىغا قاراخانلار ئوردىسىدىن كېلىن بولۇپ كىرگەن تۈركەن خاتۇنمۇ بىلىمى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئېرى سۇلتان مەلىكشاھقا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان.

37.ئانانۇرخان
1899-يىلى ئوت يۇرتى تۇرپاننىڭ پىچان دىيارىدا مۈرەنلىك قىز ئانانۇرخاننىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ.
لۈكچۈن ۋاڭى ئەفرىدۇن ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ يەكەنلىك دۇئايى نىكاھ ئايالىدىن بولغان ئوغلى مامۇت ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن سۇلتان مامۇت ۋاڭ ئۇنى مەجبۇرىي كىچىك خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولىدۇ ۋە ئانانۇرخاننى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىدۇ. مۇشۇنداق تەشۋىشلىك پەيتتە ئانانۇرخاننىڭ سۆيگەن يىگىتى جېلىل ھاشار ئەمگىكىگە قاتنىشىپ كارىز چېپىۋاتقان ئىدى.
بۇ تەڭسىز نىكاھقا قەتئىي رازىلىقى بولمىغان ئانانۇرخېنىم ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن توي ئاخشىمى زالىم سۇلتان مامۇتنى تىغ بىلەن (ئۇستىرا ياكى بەكە بىلەن) ئېغىر يارىلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ. بۇ مۇدھىش ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەن مەردانە قىز ئانانۇرخان ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى، غۇبارسىز تېنىنى، پاك مۇھەببىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى 14 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوردا پەنجىرىسىدىن تاشلاپ، بۇ رەھىمسىز دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.....جېلىل مەشۇقىنىڭ ھىجران ئازابىدا زار-زار يىغلاپ ئانانۇرخاننىڭ جەسىدىنى ھازىرقى پىچاننىڭ قىزىل سىڭىر دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىدۇ ۋە ئانانۇرخانغا ئاتاپ ھەسرەتلىك ناخشىلارنى ئوقۇيدۇ. مانا بۇ ناخشىلار تا ھازىرغىچە خەلق تەرىپىدىن ئۇنتۇلماي، تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە.

مەنبە: ھەرقايسى تورلارغا مۇراجات قىلىندى، بۇلار پەخىرلىك ئانىلىرىمىزۋە خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ بىرقىسمى. تولۇقلايدىغانلارنىڭ ئىنكاستا تولۇقلاپ قويىشىنى ۋە پىكىر-تەكلىپ بىرىشىنى قارشى ئالىمەن.
ئەسكەرتىش: ئەجداد تورىدىن ئىلىندى

 

ئەلقۇش تورى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮