ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
دۇنيادىكى ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر
يوللىغان ۋاقىت:2014-9-14 16:05:38  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:2932    بېسىپ چىقىرىش

دۇنيادىكى ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر

 


1.ئەپلاتون ( مىلادىدىن بۇرۇنقى347-427يىللىرى)
"پلاتونچە مۇھەببەت" نىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان داڭلىق پەيلاسوپ ئەپلاتون ئەرلەر ئارىسىدىكى ياخشى كۆرۈش ئالەمدىكى ئەڭ يۇقىرى ۋە ساپ دەرىجىدىكى ھېسسىيات دەپ قارايتتى. ئەمما ئۇ "گوموسېكسۇئال"(ھەمجىسنىس مۇھەببىتى) ئەمەس. يەنە ئۇنى ئەڭ ئاۋالقى كوممۇنىزم قوللىغۇچىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ"غايىۋى دۆلەت" دېگەن ئەسىرىدە نىكاھ ھەققىدە "غايىۋى جەمئىيەت :ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش،  ئورتاق خوتۇنلۇق، ئورتاق بالىلىق"بولىشى كېرەك دەپ قارىغان.81 يېشىدا،بىر قېتىملىق توي مەرىكىسىدە ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولغان.

 

2.كوپېرنىك(1543-1473) پولشا ئاسترونومى
تېلېسكوپ ۋە باشقا سىستېمىلىق كۆزېتىش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغان دەۋردە ئۆزىنىڭ بىۋاستە سېزىمىغا تايىنىپ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە مۇشۇ سەۋەبلىك ئىتالىيە داڭلىق ئاسترونومى برۇنو ئۆز رازىلىقى بىلەن ئوتتا كۆيۈشنى قوبۇل قىلغان. ئۇ1491-يىلى كراكوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئالەم جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، جۇڭگو زىيالىيلىرى باگۇ ئەدەبىياتى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇ گەرچە ئېسىل تەبىقىدىكى ئاننا ئىسىملىك بىر قىز بىلەن 10يىلدىن ئارتۇق بىللە تۇرغان بولسىمۇ لېكىن مۇتەئەسسىپ دىنىي جەمئىيەتنىڭ چەكلىشى سەۋەبىدىن ئىزچىل توي قىلمىغان. 1543-يىلى بۈيۈك ئەسىرى"ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت تەلىماتى" نەشىردىن چىقىپ بىر سائەتتىن كېيىن ۋاپات بولغان.

 



3.داۋىنچى(1519-1452) ئىتالىيە داڭلىق رەسسامى
بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئۇنى تونۇشتۇرۇش مېنىڭچە ئەڭ مۇۋاپىق  يەنى ئۇ بىر"تالانت ئىگىسى". ئۇ بىر داڭلىق سەنئەتكار، ماتېماتىك، فىزىكىشۇناس، تىببىي ئالىم، لايىھەلىگۈچى، ئارخىتېكتور.... ئۇ ئىلگىرى تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئۇچار جىسىم، گاز شارى، ۋېلىسىپىت،سۇ چىقىرىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى لايىھەلىگەن. يەنە ئادەم ئاناتومىيىسى، ماسشتاب قاتارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ باققان. 24 يېشىدا ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى ئېتىراپ قىلمىغان. 1519-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

 


4.  نيۇتون(1727-1642)  ئەنگىلىيە فىزىكا، ماتېماتىكا ئالىمى
 ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فىزىكا ئالىمى مېخائل خارت تۈزگەن "دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخس" دېگەن نوپوزلۇق كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ بەرپاچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدىنلا تىزىلغان ئسائاك نيۇتوننىڭ ئالمىنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدىن باشلاپ دىففېرېنسئال ۋە ئىنتېگرال نەزەرىيسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچە نۇرغۇنلىغان بايقاشلىرى، كەشپىياتلىرى، تەلىماتلىرى ھەقىقەتەن ئىلىم-پەن ساھەسىنى قايتىدىن ئۆزگەرتتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ھاياتىدا قىز بالىغا يېقىنلىشىپ باقمىغان بولۇپ، يالغۇزلۇق ئازابىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىشەنگەن خرىستىئان دىنىدىن تاپقان تەسەللىيسى بىلەن يەڭگەن ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە "پەن ۋە دىن بىرلىكتە مەۋجۇت" دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان.

 


5.نوبېل (1895-1833) شۋېتسىيە داڭلىق خىمىيە ئالىمى
نوبېلنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيتى ئۇنىڭ پارتىلىتىش دورىسىنى ياسىغانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى تەسس قىلغانلىقىدا. دۆلەت ،مىللەت، ئىرىق، جىنىسنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بۇ مۇكاپات ھازىرقى زامان  ئېلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي شان-شەرەپ مۇكاپاتىدۇر. نوبېل مۇھەببەتلەشكەن لېكىن قىز دوستى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ بىر ماتېماتىكا ئالىمى بىلەن توي قىلغان. مانا بۇ " پارتىلىتىش دورىسى"ئاتىسى دەپ نام ئالغان تالانت ئىگىسىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىدا نېمىشقا ماتېماتىكا مۇكاپاتىنى تەسس قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.


6.ۋولتاير (1778-1694يىللىرى ) فرانسىيە داڭلىق يازغۇچىسى
لۇئىس XVI نىڭ كاللىسى ئېلىنىشدىن بۇرۇن ۋولتاير ۋە لۇلىڭنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ :"مۇشۇ ئىككى كىشى دەل فرانسىيەنى ۋيران قىلغان كىشلەردۇر" دېگەنىدى. ھەقىقەتەن 18-ئەسىردىكى فرانسىيە جەمئىيتى دۇنيادىكى ئەڭ بالدۇرقى ئىنقىلاب تەجىربە ئېتىزى بولسا، ۋولتاير دەل ئاشۇنىڭ يول باشلامچىسى ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە 99پارچە بۈيۈك ئەسەر يازغان بولۇپ، بىر ئېرى بار ئايال بىلەن 20يىل مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، لېكىن بالىلىق بولمىغان. 1778-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ يۈرىكى كىچىك بىر قۇتىغا سېلىنىپ پارىژ دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.


7.ئاندېرسون(1875-1805يىللىرى) دانىيە داڭلىق يازغۇچىسى
ئۆزىنىڭ "سەرەڭگە ساتقۇچى قىز"، "پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى"، "قەيسەر قەلەي ئەسكەر"، "باشمالتاق قىز"، "سەت ئۆردەك چۈجىسى" ، "ئاق قار مەلىكە" قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دانىيە داڭلىق يازغۇچىسى ئاندېرسون كىچىكىدىن بىللە ئۆسكەن بىر قىزغا ئىزچىل مۇھەببەت باغلىغان لېكىن توي قىلمىغان. ئۇ بەخىتلىك قىزچاقنىڭ ئىسمى بور بولۇپ، ئۇ يازغان بىر پارچە خەتنى ئاندېرسون ئۆلۈپ كەتكۈچە ساقلىغان.

 


8. ۋىنسېنت.ۋان گوف (1890-1853يىللىرى) گوللاندىيە داڭلىق رەسسىامى
مەيلى ئۇنىڭ نادىر رەسىملىرى قانچىلىك يۇقىرى پۇلغا سېتىلىشىدىن قەتئينەزەر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى قالمىدى.ئۇنىڭ قىسقىغىنە 37يىللىق ھاياتى نۇرغۇنلىغان ھاقارەتلەر، كەمسىتىشلەر، ئىشتىن بوشتىشلار بىلەن بولۇپ،بۇ رەھىمسىز ئىشلار ئۇنى روھىي كېسەللىك قىرغىقىغا سۆرەپ ئاپارغان. 1888-يىلى دوستى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، بىر مەسىلە ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ، ئاچچىقىغا چىدىماي بىر قۇلىقىنى كېسىپ ئۇنى قورقىتىپ قاچۇرىۋەتكەن.1890 -يىلى 7- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى قولىغا تاپانچا ئېلىپ ،پىشانىسىگە تەڭلەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.

 


9.بېتخوۋىن(1829-1770يىللىرى) گېرمانىيە داڭلىق مۇزىكانتى
ئاشۇ ئاق ئارىلاش چاچلىرى، مەشھۇر ئاچچىقلىغان قىياپىتى، ئۆتكۈر كۆز نۇرى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدىغان گىرمانىيە داڭلىق مۇزىكانتى بېتخوۋىن 1770-يىلى گىرمانىيىنىڭ بوئىندا دۇنياغا كەلگەن. ئۆمرىدە "ھەسرەت"، "تەقدىر"، "سۈبھى"،"ئاي نۇرى"، "ئېلىسقا تەقدىم" قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىلارنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ھاياتىمۇ ئازاب، مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق، تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ قىيناشلىرى بىلەن تولغان . ئۇ نۇرغۇن قىزلارغا ئاشىق بولغان بولۇپ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى ئۇنىڭغا بېرىشكە خالىمىغان. سەۋەبى ئۇنىڭ كۆرۈمسىز بولىشىمۇ ياكى تۆۋەن تەبىقىدىن كىلىپ چىقىشىمۇ بۇنى بىر نېمە دېمەك تەس. دەل مۇشۇ خىلمۇ-خىل ئازابلار ئۇنىڭ تېخىمۇ نادىر مۇزىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرىشىدە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ رولىنى ئوينىغان.

 


10.ئېلىزابېت(1603-1533يىللىرى) ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى
ئېلىزابېتنىڭ ياش ۋاقتى بەكمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىغان. ئۈچ ياش ۋاقتىدا ئانىسى دادىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىۋىتىلگەن. ئىنىسى ئېدۋارد 10يېشىدا تەختكە چىقىپ 16يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئاچىسى مارى ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇ25يېشىدا تەختكە چىققان. پادىشاھلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە ئەنگىلىيە ھاكىمىيەتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشى ئۇچۈن تويدىن ۋاز كەچكەن.

 

مەنبە:مىرشاپ تورى

 

ئەلقۇش تورى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮