ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
قايغۇلۇق خەۋەر-داڭلىق تەرجىمان ﻣﯘﺳﺎﺟﺎﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ۋاپات بولدى
يوللىغان ۋاقىت:2014-9-14 16:48:31  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:2596    بېسىپ چىقىرىش

قايغۇلۇق خەۋەر-داڭلىق تەرجىمان ﻣﯘﺳﺎﺟﺎﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ۋاپات بولدى

 


زامانىمىزدىكى مەشھۇر ئەدەبىي تەرجىمانلىرىمىزدىن بىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى ساھەسىدە ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پېشقەدەم ئۇستاز مۇساجان ئەزىزى ئەپەندى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ ‏ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.
 
ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان، تېلىۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى ساھەسىدە ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پىشقەدەم ئۇستاز مۇساجان ئەزىزى 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى تارغاباتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1946-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە دۆربىلجىن ناھىيىسىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلىمىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1957-يىلى ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى) غا ئالمىشىپ، 1959-يىلىغىچە مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بىلىم ئالغان.


1959-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە مائارىپ نەشرىياتىدا ئىشلەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن تۇنجى يېڭى يېزىق ئېلىپبەسىنى تۈزگەن. تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن، <<ئەدەبىيات>> دەرىسلىكىنى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن << پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى>> نىڭ تەرجىمىسىنى تەھرىرلەپ بېكىتكەن. 1962-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىغا يۆتكىلىپ، تاكى 1984-يىلىغىچە ئاخبارات تەرجىمىسى، ئوبىيكتىپلىق پروگراممىلار تەرجىمىسى بىلەن، شۇنداقلا تەرجىمە مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1984-يىلى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزى قۇرۇلغاندا، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بېرى ھازىرغىچە <<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>>، <<غەربكە ساياھەت>>، <<سۇ بويىدا>>، <<ئاخىرقى پادىشاھ>>، <<ئارزۇ>>، <<دېدەك ئېزورا>>، <<مىراسخور>>، <<مەڭگۈلۈك چاقىرىق >> قاتارلىق 1000 قىسىمدىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەتئەل تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمىسىنى تەھرىرلەپ بېكىتتى. شۇنداقلا <<ئۇرۇش ۋە تىنچلىق>>، <<خانىش ئاماننىسا خېنىم>> قاتارلىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلدى. مۇساجان ئەزىزى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن تارتىپلا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە رەسساملىققا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، بالىلىق ۋاقتىدىن تارتىپلا پۇختا بىلىدىغان ئۆزبىك، قازاق، تاتار تىللىرىدىكى، شۇنداقلا كېيىنچە خەنزۇ تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى 1956-يىلىدىن تارتىپلا<<شىنجاڭ ئەدەبىي سەنئىتى>>، <<تارىم>>، << ئەدەبىي تەرجىمىلەر>>، <<شۇغىلا>> قاتارلىق ژورناللاردا بىسىلىشقا باشلىغان. جۇڭگو يازغۇچى شائىرلىرنىڭ بولۇپمۇ چەتئەل كىلاسلىكلىرىنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ئىزچىل ئۆگىنىپ ۋە تەرجىمە قىلىپ كەلدى.
ئۇ ھازىرغىچە ھېمىڭۋاينىڭ ‹‹ئالەمدىكى نۇر›› قاتارلىق، كافكانىڭ ‹‹قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا››، ‹‹يېزا دوختۇرى››، ‹‹ئاچلىق سەنئەتكارى››، ‹‹ھۆكۈم›› قاتارلىق، موپاساننىڭ ‹‹بەخت›› قاتارلىق، ئو.بالزاكنىڭ ‹‹چۈشەنگىلى بولمايدىغان نادىر ئەسەر›› قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، نەسىر، ئوبزور، 160پارچىدىن ئارتۇق شېئىرنى تەرجىمە قىلدى. << تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر>>، <<كارىل بىلەن ئاننا>> ناملىق ئىككى پوۋسىتنى"پولات قانداق تاۋلاندى"، "تىرىلىش"، "ساغرا تېرە"، "ئاداۋەت"، "جىنايەت ۋە جازا"، ‹‹ئېزىلگەنلەر ۋە خارلانغانلار›› قاتارلىق ئالتە روماننى تەرجىمە قىلدى. "كاپىتان گىرانتنىڭ پەرزەنتلىرى"، "ئىككى شەھەر ھەقىدە قىسسە"،‹‹ئۇرۇش تۇمانلىرى››، ‹‹ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر›› ناملىق روماننىڭ ، "يەنە بىر كۆرسەم"، "ئىشخانىدىكى ئىشلار" قاتارلىق تېلىۋىزىيە تېياتىرلىرىنىڭ تەرجىمە تەھررىلىكىنى قىلغان. ھازىرغا قەدەر تەرجىمە قىلغان تەرجىمىسىنىڭ خەت سانى 80 مىليوندىن ئاشىدۇ.

مۇساجان ئەزىزى ئادەتتە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك شۇ ئەسەر ۋە ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا مۇناسىۋەتلىك تونۇشتۇرۇشلارنى يازغاندىن سىرت، ‹‹پۇسسىن ۋە بالزاك››، ‹‹تۇرگىنېفنىڭ رۇس ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە ‹‹ئوۋچى خاتىرىلىرى››، تېلىۋېزىيە تەرجىمىلىكى ھەققىدە قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە يازغان. مۇساجان ئەزىزى 1987-يىلى كاندىدات ئالىي تەرجىمان ئۇنىۋانىغا، 1992-يىلى ئالىي تەرجىمان ئۇنىۋانىغا، 2009-يىلى ‹‹مۆتىۋەر تەرجىمەشۇناس›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىلمىي جەمىئيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

مةنبة: نۇر تورى

 

 

ئەلقۇش تورى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮