ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
نۆۋەتتە Windows 10 ھەرگىزمۇ Windows 8 گە ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلمايدۇ
يوللىغان ۋاقىت:2014-10-15 23:04:17  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:2339    بېسىپ چىقىرىش

نۆۋەتتە Windows 10 ھەرگىزمۇ Windows 8 گە ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلمايدۇ

 

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:
بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئەڭ يېڭى سىستېما Windows 8.1 بولۇپ، كىيىنكى ئەۋلاد سىستېمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئازلا ۋاقىت قالدى، بىراق، ئۇ Windows 9 بولماستىن، بەلكى Windows 10 دۇر.
ئۇنداقتا، Windows 9 غا نېمە بولدى؟
مىكروسوفىت شىركىتى Windows بۆلۈمىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن سېتىشقا مەسئۇل ئەمەلدار Tony Prophet نىڭ دىيىشىچە، Windows 9 ئەمەلىيەتتە بار بولۇپ، مىكروسوفىت شىركىتى ئاخىرىغا بارغاندا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ئىكەن.
مىكروسوفىت شىركىتى كىشىلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد Windows سىستېمىسىنى Windows 8 گە ئوخشاش ئانچە ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن بىر سىستېما بىلەن باغلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
Tony  چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىگەن:
«Windows 10 ھەرگىزمۇ Windows 8.1 ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ، يېڭىلانغان سىستېما ئەمەس، ئۇ بىر ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلانغان مەھسۇلاتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز بۇ ئارقىلىق بىر بىرلىككە كەلگەن سۇپا بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز، بۇ سۇپا تاختا كومپىيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە PC كومپىيۇتېرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، نۇرغۇنلىغان تورغا ئۇلاشقا بولىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى Xbox سۇپىسى بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدىغان بىر ئىكولوگىيەلىك سىستېما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ Windows 10 نى تەتقىق قىلىشتىكى يۆنىلىشى ئىلگىرىكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.


 

مىكروسوفىت شىركىتى كىشىلەرنى تەتقىق قىلىنىش باسقۇچىدىكى سىستېمىنى بىرلىكتە سىناش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ تەرىپى ئىلگىرىكى سىستېمىلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Windows 10 سىستېمىسىنى «تېخنىكىلىق ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
مىكروسوفىت شىركىتى ئىككى ھەپتە بۇرۇنلا ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسىدىكى Windows 10 نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ سىستېمىنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
مىكروسوفىت شىركىتى Windows 8 نى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا قارىتا ئىنتايىن تەپسىلىي سىناق ئېلىپ بارغان، سىناش ۋاقتى ھەتتا بىر مىليارد 240 مىليون سائەتكە يەتكەن. ھالبۇكى، Windows گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنى بۇ سىستېمىنىڭ سىنالغاندىن كىيىن تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئىتىبارسىز قارىغان. Windows 8 سىستېمىسى رەسمىي تۈردە سېتىلىشتىن بۇرۇن، كەسپى ساھەدىكى بەزى نوپۇزلۇق كىشىلەر ئۇنى «يەنە بىر Vista» دەپ ئاتىغان.
بىراق، Tony نىڭ دىيىشىچە، مىكروسوفىت شىركىتى بۇ قېتىم ھەرگىزمۇ بۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دىگەن: «بىز ئەمدى بۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلمايمىز، سەۋەبى، بىز ئابونتلار، بولۇپمۇ كارخانا ئابونتلىرىنىڭ بىزگە بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلدۇق.»
بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، Windows 10 نى ئىلگىرىكى مەھسۇلاتلار بىلەن ئوخشىمايدۇ دىيىشكە بولىدۇ. Windows 8 ئەمەلىيەتتە نۇقۇل ھالدا تاختا كومپىيۇتېرغا قارىتا لايىھەلەنگەن سىستېما بولۇپ، ئاخىرىغا بارغاندا ئەھمىيەتسىز بىر مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ قالغان. نۇرغۇنلىغان كارخانا ئابونتلىرى Windows 8 نى ئىشلىتىشنى خالىمىغان، ئۇلار ئىزچىل ھالدا XP نى Windows 7 گە يېڭىلاش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن.
Tony يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«بىزنىڭ Windows 10 ئۈچۈن بېكىتكەن نىشانىمىز شۇكى، ئۇ ئارقىلىق كارخانا ئابونتلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىر مەشغۇلات سىستېمىسى يارىتىپ بېرىش، مانا بۇ مەزكۇر سىستېمىنى ئېچىشتىكى دەسلەپكى مۇھىم نۇقتا، ھازىر ئۇنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشتى، بىز بۇ ئابونتلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمىز.»

 


 

مەنبە:نىشانىم تورىدىن ئىلىندى

 

 

ئەلقۇش تورى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮