ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەلقۇش تورىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى !   سېز توربېكىتىمىزنىڭ - قېتىملىق مېھمىنى    
تىزىملىتىش            باش بەت قىلىۋىلڭ ئابونت پارولى ئابونت نامى    
باش بەت | خەۋەرلەر | ئەدەبىيات | دەرىسخانا | سەرخىل تىل | فىلىملەر | ناخشىلار | رەسىملەر | مائارىپ قانىلى | مەدەنيەت-تارىخ | يۇمشاق دىتال | كومپىيۇتېر | قانۇن بىلىملىرى
 
ئېبولانىڭ قىسقىچە تارىخى . بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تېما
يوللىغان ۋاقىت:2015-2-1 19:56:08  يوللىغۇچى:alkux   ئاۋاتلىقى:1818    بېسىپ چىقىرىش

ئېبولانىڭ قىسقىچە تارىخى

 


ئېبولا ۋىرۇسى يۇقۇمى 1976-يىلى كونگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكۋاتور ئۆلكىسى ئېبولا دەرياسى بويىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ ، يەرلىك ئاھالىلەر بۇ نامسىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان . بۇ خىل ۋىرۇس شۇنىڭدىن كېيىن ئېبولا ۋىرۇسى دەپ ئاتالغان . ئۇنىڭدىن كېيىن 1979-يىلى سۇداننىڭ نزارا رايونىدا تارقالغان . 15 يىلدىن كېيىن يەنى 1995-يىلدىن 2014-يىلغىچە مەركەزلىك ھالدا ئافرىقا قىتئەسىدە 20 قېتىمدىن ئارتۇق تارقالغان . 2000-يىلى ئۇگاندادا 224 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان .


‹‹ تەبىئەت ›› ۋە ‹‹ ئىلىم-پەن ›› دىن ئىبارەت يەر شارىدىكى ئىككى نوپۇزلۇق ژۇرنالنىڭ 9-ئايلىق سانىدائېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا شەپەرەڭنىڭ ئېبولا ۋىرۇسى تارقىلىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇمكىنچىلىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكى يېزىلغان . ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، سيېررالېئون ، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، گېن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ئوتتۇرا ئافرىقا قىتئەسىدە تارقالغان بولۇپ ، ئالدى بىلەن ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا ، ئاندىن ئىنسانلارت ئارىسىدا تارقالغان ، ۋىرۇس مېۋە شەپەرىڭىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنكەن . تەتقىقاتچى خادىملار ئېبولا ھەققىدە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ، يەنى 60 نەپەر ئالىم گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمىتىگە قاتنىشىپ ، بەش نەپەر ئالىم خىزمەت جەريانىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان .


30-سېنتەبىر ئامېرىكا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى بىمارنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، ئامېرىكا ، ئىسپانىيە ، مالى ، نىگېرىيە ، سېنېگال ، ھىندىستان قاتارلىقلارمۇ ئېبولا ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى . بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئېبولا ۋىرۇسى بايقالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئافرىقا قىتئەسىدىن باشقا جايلاردا بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ، ‹‹ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يەر شارىلىشىۋاتقان ›› دەۋردە ، ئېبولا ۋىرۇسىمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن يەر شارىغا تارقالدى .


14-دېكابىرغىچە يەر شارىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 18 مىڭدىن ئاشقان ، ئارىدىن 7000 غا يېقىن ئادەم قازا قىلغان . ئېبولا ۋىرۇسى تارقالغان توققۇز ئاي ئىچىدە قازا قىلغانلار سانى 1976-يىلى تۇنجى قېتىم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەن .


ئېبولا يۇقۇمىغا يەر شارىدىكى ھەر قايسى ساھەلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى . ب د ت باش كاتىپى بان كىمون يىل ئاخىرىدا لىببېرىيە، كېنىيە ، سيېررالېئونقاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم رايونلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى . ب د ت ئېبولا يۇقۇمىغا جىددى تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە ئەۋەتىش ئۆمىكى قۇرۇلۇپ ، دۇنيا بانكىسى ، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بەس - بەستە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلارغا ماددى ئەشيا ياردەم قىلدى ھەمدە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ يەرلىكنىڭ ئېبولاغا زەربە بېرىشىگە ياردەم قىلدى . 12-ئايغىچە يۇقۇم تارقالغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ، ئېبولا يۇقۇمى تىزگىنلەندى.
بۇ يىل تارقالغان ئېبولا يۇقۇمى يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇناسىۋەتلىك دورا ۋە ۋاكسىنىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇساپىسىنى تېزلەتتى . جۇڭگو ، ئامېرىكا ، كانادا،شۋېيتسارىيە ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بەس - بەستە ۋاكسىنا تەتقىقات خىزمىتى ۋە كەينى - كەينىدىن كىلىنكىلىق سىناق باسقۇچىغا كىردى .

 

 

ئەلقۇش تورى

        http://alkux.taobao.com            http://www.alkux.com           ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇلىنىشلار كۆزنىكى
مىكرو سوفقىت تور بېكىتى
ئالىم ئەھەت بىلوگى
ئالىم ئەھەت تور دەرىسخانىسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىمتىھان تورى
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش تورى
ئاۋىئاتسىيە تەكشۈرۈش تورى
ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش تورى
ۋاڭيى تور دەرىسخانسى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى تورى
جوڭگۇ ئاسپىرانت تورى
قاتناش بانكىسى جوڭگو
جوڭگو بانكىسى
جوڭگو قۇرلۇش بانكىسى
سودا-سانائەت بانكىسى
يېزا ئىگىلىك بانكىسى
ماركا تەكشۈرۈش تورى
دپلۇم تەكشۇرۇش توربېكىتى
شىنجاڭ مائارىپ تورى
جوڭگو مائارىپ تورى
جوڭگو پوچتا بانكىسى
ئەمگەك ۋە ئېجتىمائى كاپالەت
كادىرلار ئىشلىرى تورى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى
كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى
جوڭگو تېلگىراف تورى
شىنخوا تور بېكىتى
جوڭگو خەلق تورى
كوئېنلۇن تور بېكىتى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تورى
جوڭگو ھۆكىمەت تورى
جوڭگو رادىئو توربېكىتى
شىنجاڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش
غولجا ھۆكىمەت توربېكىتى
خوتەن ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ ھۆكىمەت تورى
شىنجاڭ سەھيە توربېكىتى
تىيانشان تور بېكىتى
شىنجاڭ خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەلق گېزىتى تورى
جوڭگو خەۋەر تورى
خەلق ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تورى
مىللەتلەر ئىشلىرى تورى
شىنجاڭ سودا سانائەت تورى
جامائەت خەۋىپسىزلىك تورى
ئالى بابا سودا تورى
جۇڭگو دۆلەتلىك كۇتۇپخانا
كومپىيۇتىر باھاسىنى تەكشۈرۈش
شىنجاڭ تىل يېزىق تورى
جوڭگو ئەدىلىيە تورى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئۆزگىچە توربېكەتلەر كۆزنىكى          
ئەلقۇش توربېكتېنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ
سۆز قالدۇرۇڭ
ئېلان بىرىڭ
ھەمكارلىشىڭ
تەرجىمھالىم
بېكەت ھەققىدە

Alkux Information Tecknology Center         copyright 2010-2015

ئەلقۇش ئۇچۇر پەن -تېخنىكا تور بېكىتى    http://www.alkux.com        بېكەت مەسئۇلى : ئەلقۇش

   Email : alkux@alkux.com       QQ:1498748048       Tel : 15209035513         MSN : alkux1@hotmail.com

备案/许可证编号为:新ICP备14002728号-1          Alkux Information Tecknology WebSite

توربېتمىزدىكى ئۇچۇرلار توردىن يېغىۋىلىنغان . ئۇچۇر ھوقوقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارغۇچىلار دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قلىڭ

分享按钮